« لاۋىيلار »

18

زىنانىڭ مەنئى قىلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 3سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار. 4مېنىڭ قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 5سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

6ھەرقاندىقىڭلار قان قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 7ئاناڭلار بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. 8ئاتاڭلارنىڭ توقاللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. 9ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار. 10ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ. 11ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.

12ئاتاڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر. 13ئاناڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاناڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر. 14ئاتاڭلارنىڭ ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ، تاغاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ يەڭگەڭلاردۇر.

15كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ. 16ئاكا-ئىنىڭلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، قېرىندىشىڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.

17بىر ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ قىزى ۋە قىز نەۋرىسى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇلار قانداشتۇر. بۇنداق قىلىش رەزىللىكتۇر. 18ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار.

19ھەيز كۆرۈپ ناپاك بولغان ئايالىڭلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار.

20باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.

21ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 22بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتمىسۇن، بۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر.

23ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئاياللارمۇ ئۆزىنى ھايۋانغا تۇتۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، بۇ ئىپلاسلىقتۇر.

24سىلەر بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقارماقچى بولغان خەلقلەر دەل مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانلاردۇر. 25ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 26سىلەر چوقۇم مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچقايسىڭلار بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماڭلار. 27بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن بۇ زېمىننى بۇلغىدى. 28ئەگەر سىلەرمۇ بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار، بۇ زېمىن ھازىر ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 29مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 30سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى