« لاۋىيلار »

20

ئېغىر گۇناھلارغا بېرىلىدىغان جازالار

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. 3مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى. 4ئەگەر جامائەت بالىلىرىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن كارى بولماي، ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، 5مەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارشى چىقىمەن. مەندىن تېنىپ بۇت ئىلاھى مولەككە چوقۇنغۇچىلارنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. 6ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.

7ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 8مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

9ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

10ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.

11ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ئاتىسىغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

12ئەگەر بىرسى كېلىنى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىپلاسلىق بولۇپ، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

13ئەگەر بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

14ئەگەر بىرسى توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن نىكاھلانسا، بۇ رەزىللىك ھېسابلىنىدۇ، ئۈچىلىسى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇ خىل رەزىللىكلەر ئاراڭلاردا قەتئىي يۈز بەرمىسۇن.

15ئەگەر بىر ئەر ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.

16ئەگەر بىر ئايال ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

17ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

18ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەر ئىككىلىسى ئايالنىڭ ھەيز مەنبەسىنى ئاچقان ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

19ئانىسىنىڭ ياكى ئاتىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ قان قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىكتۇر. ئۇلار جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

20ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن زىنا قىلىش قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنت يۈزى كۆرمەي، ئۆلىدۇ.

21كىمكى ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، ئۇ قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەن بولىدۇ، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. ئۇلار پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئۆلىدۇ.

22مېنىڭ بارلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. شۇندىلا سىلەر مەن سىلەرنى ئېلىپ بارغان زېمىندىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر. 23مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن. 24مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم. 25شۇڭا سىلەر ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھالال ۋە ھاراملىرىنى ئايرىڭلار. مەن ھارام دەپ بېكىتكەن ئۇچار قاناتلارنى، ھايۋانلارنى ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يەپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. 26پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم.

27ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى