كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «ئالاموت» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.
1كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر،
كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
2-3ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا،
تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا.
دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ،
تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ،
بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ
4باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا،
خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.
5شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا،
تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.
6گۇمران بولدى شاھلىقلار،
غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر.
جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى
يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.
7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار* بىز بىلەن بىرگىدۇر،
ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
8كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى،
زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.
9توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى،
سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى.
كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.
10دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى،
بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى!
ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە،
بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
11قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر،
ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
*7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ياكى «پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان.