« زەبۇر »

52

بۇ مۇناجات، دوئېگ ئىسىملىك بىر ئىدوملۇق، سائۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، داۋۇتنىڭ روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قويغاندىن كېيىن داۋۇت تەرىپىدىن يېزىلغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟

مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.

2تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا،

ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.

3ئەۋزەل كۆرىسەن ياخشىلىقتىن يامانلىقنى،

ھەق سۆزلەشتىن يالغانچىلىقنى. سېلاھ

4-5ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە،

شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە.

تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن،

يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ

6بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار،

ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:

7«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى،

ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى،

باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»

8مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن،

خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.

9شاپائەتلىك بولغاچ خۇدا، ئۈمىد باغلايمەن ساڭا،

تەقۋادار خەلقىڭ ئارىسىدا

مەڭگۈ شۈكۈر ئېيتىمەن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭغا.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى