« زىكىرىيا »

1

خۇدانىڭ يولىغا قايتىش توغرىسىدىكى چاقىرىق

1پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 8-ئېيىدا* ، پەرۋەردىگاردىن بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

2_ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم. 3شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي. 4سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. 5قېنى ئاشۇ ئەجدادلىرىڭلار، قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇلار مەڭگۈ ياشىدىمۇ؟ 6لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»

1-غايىبانە ئالامەت: ئاتلار

7دارىئوس پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 11-ئېيىدا،* بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان مەنكى پەيغەمبەر زىكىرىياغا پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر بېشارەت كەلدى.

8مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.

9مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن:

_ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:

_ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.

10ئۇ ۋاقىتتا مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ:

_ ئارقامدىكىلەر پەرۋەردىگار دۇنيانى چارلاشقا ئەۋەتكەنلەردۇر، _ دېدى.

11چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:

_ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى.

12ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى:

_ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە غەزەپلەنگىلى يەتمىش يىل بولدى. قاچانغىچە ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايسەن؟ _ دېدى.

13شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى. 14مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ. 15مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى. 16شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.» 17سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»

2-غايىبانە ئالامەت: مۈڭگۈز ۋە تۆمۈرچىلەر

18مەن يەنە يۇقىرىغا قاراپ، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. 19مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:

_ بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا:

_ بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە، ئىسرائىلىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن كۈچلۈك ئەللەردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.

20پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى. 21مەن پەرىشتىدىن:

_ بۇ تۆمۈرچىلەر نېمە ئىش قىلىشقا كەلدى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:

_ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ئەزگەن ئەللەر بولسا، تۆمۈرچىلەر خەلقىنى ھۇجۇم قىلىپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ئاشۇ مۈڭگۈزلەرنى ئالاقزادە قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلاردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلىنىڭ 10-ياكى 11-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*7مىلادىيەدىن ئىلگىرى 519-يىلىنىڭ 1-ياكى 2-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى