« زىكىرىيا »

11

زوراۋان پادىشاھلارنىڭ زاۋال تېپىشى

1ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار!

يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن.

2ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار،

چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى.

ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى.

ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار،

چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى.

3پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار،

چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى.

شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار،

چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.

ئىككى خىل پادىچى

4پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ كېتىۋېتىلگەن قويلارغا پادىچى بولغىن! 5قوي سېتىۋالغۇچىلار قويلارنى بوغۇزلايدۇ، لېكىن جازالانمايدۇ. قوي ساتقۇچىلار: «خۇداغا شۈكۈر، مەن باي بولدۇم!» دەيدۇ. ھەتتا پادىچىلارنىڭمۇ قويلارغا رەھىمى كەلمەيدۇ. 6مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئەمدى رەھىم قىلمايمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ھەم پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، مەن ھېچكىمنى قۇتقۇزمايمەن.

7شۇنىڭ بىلەن مەن زىكىرىيا بوغۇزلانماقچى بولغان قويلارغا پادىچى بولدۇم. مەن قولۇمغا ئىككى تاياق ئالدىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى «شاپائەت» تايىقى، يەنە بىرىنى «ئىناقلىق» تايىقى دەپ ئاتىدىم ۋە پادىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. 8بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.

9مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:

_ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن.

10مەن «شاپائەت» دەپ ئاتالغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ سۇندۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەللەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدىم. 11شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. 12ئاندىن مەن ئۇلارغا:

_ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىش ھەققى بېرىشنى لايىق كۆرسەڭلار، بېرىڭلار، بەرمىسەڭلارمۇ ئىختىيارىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.

13ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم. 14ئاندىن مەن «ئىناقلىق» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، سۇندۇرۇۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلىدىم.

15ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن يەنە پادىچىنىڭ نەرسىلىرىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پادىچى بولغىن. ئەمما بۇ قېتىم نادان پادىچى بولغىن. 16چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.

17پادىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ناچار پادىچىمنىڭ ھالىغا ۋاي!

قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكىنى چاپسۇن،

ئوڭ كۆزىنى ئويسۇن!

قولى قۇرۇسۇن،

ئوڭ كۆزى كور بولسۇن!

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى