« زىكىرىيا »

5

6-غايىبانە ئالامەت: ئۇچۇۋاتقان يازما

1مەن يەنە يۇقۇرىغا قارىدىم ۋە ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم.

2پەرىشتە مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

3ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ يازمىغا پۈتۈن دۇنيانى قارغايدىغان قارغىش سۆزلەر پۈتۈلگەندۇر. بىر يۈزىگە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى قارغىشلار، يەنە بىر يۈزىگە ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى قارغىشلار پۈتۈلگەندۇر. 4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىمدا ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»

7-غايىبانە ئالامەت: ئىدىش ئىچىدىكى ئايال

5مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېنىمغا كېلىپ:

_ قارا، نېمە كېلىۋاتىدۇ، _ دەپ سورىدى مەندىن. مەن:

6_ ئۇ نېمە؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇ:

_ ئۇ بىر ئۆلچەم ئىدىشىدۇر. ئۇنىڭغا زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى قاچىلانغاندۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. 8پەرىشتە:

_ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى.

9مەن يەنە ئىككى ئايالنىڭ شامالدا لەيلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار كېلىپ، ئىدىشنى ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.

10مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:

_ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. 11ئۇ ماڭا:

_ ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. بابىللىقلار بۇ ئىدىش ئۈچۈن بىر سەجدىگاھ سالىدۇ. سەجدىگاھ پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان سۇپىغا قويۇشىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى