« زىكىرىيا »

7

ئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشقا چاقىرىش

1پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلىنىڭ 9-ئېيىدا، يەنى كىسلاۋ ئېيىنىڭ 4-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن زىكىرىياغا يەنە بىر ۋەھىي كەلدى.

2بۇرۇن بەيتەللىكلەر سارئەزەر ۋە رەگەم-مەلەكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى. 3ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

5_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟! 6سىلەرنىڭ يەپ- ئىچىشىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسىڭلار ئۈچۈن بولغان ئەمەسمىدى؟! 7بۇنداق سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەينى چاغدا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئادەملەر ماكانلىشىپ، ئاۋاتلاشقانىدى. نەگېب چۆللۈكى ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقانىدى.»

8پەرۋەردىگار زىكىرىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

9_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار. 10تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. 11ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى. 12ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم. 13مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار مېنىڭ چاقىرىشىمغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئۇلار مېنى چاقىرغاندىمۇ مەنمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىشىغا قۇلاق سالمىدىم. 14مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 518-يىلىنىڭ 11-ياكى 12-ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى