« زىكىرىيا »

14

ئاخىر زاماندىكى پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1ئەي يېرۇسالېملىقلار، قاراڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى يېقىنلاشماقتا! دۈشمىنىڭلار مال-مۈلكۈڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىپ، بۆلۈشىدۇ. 2پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ. 3ئاندىن پەرۋەردىگار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك كېلىپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. 4شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ. 5سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ. 6ئۇ كۈن كەلگەندە، يورۇقلۇق ھەم سوغۇق بولمايدۇ، شۇنداقلا قىروۋمۇ چۈشمەيدۇ. 7ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.

8ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلى مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ.

9پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.

10يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گىبئاھتىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. 11ئادەملەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. بۇ شەھەر ھېچقاچان قايتىدىن ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم بىخەتەر جاي بولىدۇ.

12پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.

13ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ياقا سىقىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ. 14ھەتتا يەھۇدىيە خەلقىمۇ يېرۇسالېمدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ. 15دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ.

16كېيىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەردىن ھايات قالغانلىرى ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ. 17ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ. 18ئەگەر مىسىرلىقلار بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. كەپە تىكىش ھېيتىغا بېرىشنى رەت قىلغان باشقا ئەللەرگە تەگكەن ۋابا بىلەن ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىلىدۇ. 19مانا بۇ كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان مىسىرلىقلار ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىلىدىغان جازادۇر.

20ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىدىكى قوڭغۇراقلارغا «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر ئويۇلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئادەتتىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان داسلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ. 21يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدىكى ھەر بىر قازان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، مۇقەددەس بولىدۇ. ئىبادەت قىلىشقا كەلگەنلەر قۇربانلىقلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قاچىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەسلا سودا-سېتىق بولمايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى