« زىكىرىيا »

8

يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدە

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. 2ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىئونغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغانچە، دۈشمەنلىرىگە غەزىپىم تاشىدۇ.»

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمنى ماكان قىلىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»

4قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاي ۋە مومايلار كوچىلاردا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇشىدىغان، 5شەھەر كوچىلىرى ئويناۋاتقان بالىلار بىلەن تولىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.»

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن. 8ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.»

9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر. 10ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادەملەرمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا ھەققىنى ئالالمايتتى. دۈشمەن سەۋەبىدىن ھېچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. مەن ھەممىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويغانىدىم. 11لېكىن ھازىر مەن ئامان قالغان بۇ خەلقىمگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايمەن. 12خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن. 13ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»

14قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار غەزىپىمنى قوزغىغاندا، مەن ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، قارارىمدىن يانمىغانىدىم. 15شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار، 16لېكىن مۇنداق قىلىڭلار: بىر-بىرىڭلارغا راستچىل بولۇڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، تىنچلىق ئورنىتىڭلار. 17قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. يالغان قەسەم قىلىشتىن توختاڭلار، چۈنكى مەن بۇ ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

روزا تۇتۇش توغرىسىدىكى سوئال

18قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى. 19ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»

20قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق زامانلار كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئەللەر ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. 21بىر شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى يەنە بىر شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹يۈرۈڭلار، تېز بولۇڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلىشىنى تىلەيلى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلايلى! يۈرۈڭلار، بىز بىرگە بارايلى!› دېيىشىدۇ. 22كۆپ خەلقلەر ۋە كۈچلۈك ئەللەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلىشىمنى تىلەيدۇ.»

23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى