« قانۇننىڭ تەكرارى »

12

بەلگىلەنگەن جايدىلا ئىبادەت قىلىش

1_ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، تۆۋەندىكى قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار:

2سىلەر ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ تاغلاردىكى، تۆپىلىكلەردىكى ۋە بۈك-باراقسان دەرەخ ئاستىلىرىدىكى ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان بارلىق يەرلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار. 3ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلىرىنىڭ ئويما بۇتلىرىنى چېقىپ، نامىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىڭلار.

4سىلەر ئۇلارنىڭ ئادىتى بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ. 5پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ جايغىلا بېرىڭلار. 6سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار. 7سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.

8-9ھازىرغا قەدەر، سىلەر ئۆزۈڭلار بىلگەنچە ئىبادەت قىلىپ كەلدىڭلار، چۈنكى سىلەر تېخىچە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەردە خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالمىدىڭلار. ئۇ يەرگە كىرگىنىڭلاردا ھازىرقى ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ. 10لېكىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇراقلىشىسىلەر. پەرۋەردىگار چېگرايىڭلارنى ئامان قىلىپ، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ. 11ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار. 12سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن. 13سىلەر خالىغان يەردە پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماڭلار. 14پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ بىرسىنىڭ زېمىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ يەردىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك سۇنۇڭلار.

15يۇرتۇڭلاردا خالىغان ۋاقىتتا مال سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە بەرگەن بۇ بەختتىن ھۇزۇرلىنىڭلار. بۇ ماللارنىڭ گۆشىنى پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ خۇددى سىلەر جەرەن ۋە بۇغا گۆشلىرىنى يېگىنىڭلاردەك، يېسە بولىدۇ. 16لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. 17ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ. 18پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. 19ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىساڭلارلا لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

20پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە زېمىنىڭلارنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، گۆش يېگۈڭلار كەلسە، خالىغىنىڭلارچە يېسەڭلار بولىدۇ. 21ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىدىغان جاي سىلەردىن بەك يىراقتا بولسا، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇرتلىرىدا مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە پەرۋەردىگار سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا مېلىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. 22خۇددى ھازىر پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ جەرەن ۋە بۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىنىگە ئوخشاش، ئۇ گۆشلەرنىمۇ يېسە بولىدۇ. 23لېكىن قاننى يېمەڭلار. چۈنكى ھاياتلىق قاندىدۇر. ھاياتلىقنى گۆش بىلەن بىرگە يېسەڭلار بولمايدۇ. 24قاننى يېمەڭلار، ئۇنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. 25قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

26پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيەلەر ۋە بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن جايغا ئاپىرىڭلار. 27ئۇلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. ھەتتا گۆش ۋە قانلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈڭلار، لېكىن قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 28مېنىڭ دېگەنلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدىڭلار.

29پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىڭلار. 30ئۇ چاغدا ئېھتىياتچان بولۇڭلار! يات ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالدىنىپ، تۇزاققا چۈشمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ: «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىغا قانداق چوقۇنىدىغاندۇ؟ مەنمۇ دوراپ باقسام» دېمەڭلار. 31پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئىبادەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار چوقۇنغاندا پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىلاھلىرىغا سۇنىدۇ.

32مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى