« قانۇننىڭ تەكرارى »

26

ھوسۇللىرىدىن بېرىدىغان ھەدىيەلەر

1_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن، 2تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار 3ۋە شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى روھانىيغا: «بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا شۇنى ئېيتىمىزكى، پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىمىزغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولدۇق» دەڭلار. 4باش روھانىي قولۇڭلاردىكى سېۋەتنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسۇن. 5سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى. 6مىسىرلىقلار بىزگە زۇلۇم سېلىپ، خارلىدى، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى. 7شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا يالۋۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ نالە-پەريادلىرىمىزنى ئاڭلىدى. قىيىنچىلىقىمىزنى، جاپالىرىمىزنى، ئېزىلگەنلىكىمىزنى كۆردى. 8ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بىزنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 9ئۇ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلدى. 10ئى پەرۋەردىگار، بىز ھازىر سەن بىزگە بەرگەن زېمىنىمىزدىن چىققان تۇنجى ھوسۇلىمىزنى ساڭا ھەدىيە قىلىمىز.» سىلەر بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، سېۋىتىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا قويۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. 11ئاندىن لاۋىيلار ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەل مەئىشەتلەردىن خۇشاللىنىپ شادلىنىڭلار.

12ھەر ئۈچىنچى يىلى ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنى بېرىدىغان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، لاۋىيلارغا، يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە ۋە تۇل ئاياللارغا بېرىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا تويغۇچە يېسۇن. 13ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: «بىز سېنىڭ ئەمرلىرىڭ بويىچە ساڭا ئاتىغان ئۈلۈشىمىزنى ئائىلىمىزدىن ئېلىپ كېلىپ، لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللارغا تەقسىملەپ بەردۇق. بىز سېنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلمىدۇق. 14بىز بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى ھازىدار ۋاقتىمىزدا يەپ باقمىدۇق، ناپاك ۋاقتىمىزدا تۇتۇپ باقمىدۇق، ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ باقمىدۇق. بىز ساڭا ئىتائەت قىلدۇق. سېنىڭ ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىڭگە ئەمەل قىلدۇق. 15ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىڭدىن بىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ۋە سەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا، يەنى سەن ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەخت ئاتا قىلغايسەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس خەلقى

16_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۈگۈن سىلەرگە: «بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇڭا سىلەر چوقۇم پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. 17سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار. 18پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى «مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم» دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. 19ئۇ سىلەرنى مەدھىيە، شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، ئۆزى ياراتقان بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى