« قانۇننىڭ تەكرارى »

28

ئىتائەتمەنلىكنىڭ نەتىجىسى

1_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئالەمدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. 2پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار، بەرىكەت تاپىسىلەر ۋە بەرىكەت سىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ.

3مەيلى سىلەر شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، بەختلىك بولىسىلەر.

4بالىلىرىڭلار بەختلىك، ئېتىزىڭلار ھوسۇللۇق بولىدۇ، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە باشقا چارۋا ماللىرىڭلار كۆپ بولىدۇ.

5سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ.

6ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ بەختلىك بولىسىلەر.

7پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان دۈشمىنىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا مەغلۇپ قىلىدۇ. دۈشمىنىڭلار سىلەرگە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئۆزلىرى جانلىرىنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

8پەرۋەردىگار بارلىق ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئامبارلىرىڭلارنى ئاشلىققا تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.

9پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتساڭلار، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى قىلىدۇ. 10يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ.

11پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا سىلەرنى روناق تاپقۇزىدۇ. ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ، ئېتىزىڭلارنى ھوسۇللۇق قىلىدۇ. 12پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ئەرشتىكى خەزىنىسىنى ئېچىپ، ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ھەممە ئىشىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەر باشقا نۇرغۇن ئەللەرگە قەرز بېرىسىلەركى، ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر.

13مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇيرۇق ئەمەس، بەلكى باش قىلىدۇ، ئورنۇڭلار پەستە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بولىدۇ. 14مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئەمرلەردىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار.

ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى

15_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.

16مەيلى شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، ئوخشاشلا قارغىشقا قالىسىلەر.

17سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلارمۇ قارغىشقا قالىدۇ.

18پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.

19ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ قارغىشقا قالىسىلەر.

20پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، رەزىللىك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قالىسىلەر، پاراكەندە بولىسىلەر. ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشسىز بولۇپ، ئاخىرى تۇيۇقسىز خاراب بولىسىلەر.

21ئۇ سىلەرنى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ، كېسەللىكلەر سىلەر ئىگىلىگەن زېمىندا سىلەر ۋەيران بولغۇچە داۋام قىلىدۇ.

22تاكى سىلەر ھالاك بولغۇچە، پەرۋەردىگار سىلەرنى قىزىتما، ياللۇغ ۋە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئىسسىق شامال ۋە قۇرغاقچىلىق ئەۋەتىپ، زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ ياكى نەملىك بىلەن چىرىتىدۇ.

23ئۇ يامغۇر ياغدۇرماي، ئۈستۈڭلاردىكى ئاسماننى تۇچ، ئاستىڭلاردىكى يەرنى تۆمۈر قىلىدۇ.

24سىلەر تاكى ۋەيران بولغۇچە ئاسماندىن يامغۇر ئورنىغا چاڭ-توزان ياغدۇرىدۇ.

25ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ. 26جەسىتىڭلار قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى قوغلىغۇدەك ئادەم بولمايدۇ.

27پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.

28ئۇ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ساراڭ قىلىدۇ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدۇ.

29خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.

30توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىڭلارنى باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. ئۆي سالساڭلار، ئۆيۈڭلاردا ياشىيالمايسىلەر. ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلساڭلار، ئۈزۈمۈڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ.

31كالاڭلارنىڭ سويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۆشىنى يىيەلمەيسىلەر. ئېشەكلىرىڭلار تارتىۋېلىنىپ، قايتۇرۇلمايدۇ. قويلىرىڭلار بۇلانسىمۇ، سىلەرگە ھېچكىم ياردەم قىلمايدۇ. 32ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ.

33سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر. 34بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر. 35پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.

36پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئەجدادىڭلار نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.

37سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئەللەردە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىسىلەر.

38كۆپ ئۇرۇق چاچساڭلارمۇ ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر، چۈنكى زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.

39ئۈزۈم تىكىپ، ئۈزۈملۈك بەرپا قىلساڭلارمۇ، ئۈزۈم يىيەلمەيسىلەر، شاراب ئىچەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۈزۈمۈڭلارنى قۇرتلار يەپ كېتىدۇ.

40پۈتۈن زېمىنىڭلاردا زەيتۇن دەرىخى ئۆسسىمۇ، تېنىڭلارغا زەيتۇن يېغى سۈرتەلمەيسىلەر. چۈنكى زەيتۇنۇڭلار پىشماي تۇرۇپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

41ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يېنىڭلاردا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

42دەرىخىڭلارنى، يېرىڭلاردىن چىققان زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.

43ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ، سىلەر كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىسىلەر. 44ئۇلار سىلەرگە قەرز بېرىدۇ، سىلەر ئۇلارغا قەرز بېرەلمەيسىلەر. ئۇلار باش، سىلەر قۇيرۇق بولىسىلەر.

45پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇ ئەمر قىلغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، مۇشۇ قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە سىلەرگە ياندىشىدۇ. 46بۇ قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالايىئاپەتلەر سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. 47چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار. 48شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.

49پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر. 50ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. چوڭلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، كىچىكلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ. 51ئۇلار تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، چارۋا ماللىرىڭلارنى ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇللىرىڭلارنى يەيدۇ. سىلەرگە يا ئاشلىق، يا شاراب، يا زەيتۇن يېغى، يا قوزا ياكى موزايلارنى قالدۇرمايدۇ. سىلەر ھالاك بولىسىلەر. 52ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.

53دۈشمەن سىلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ بالىلىرىنى، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەيسىلەر. 54-55دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلىرىڭلاردا ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم ۋە دىيانەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئەرلەرمۇ بالىلىرىنى ئۆزى يالغۇز يەيدۇ. قېرىنداشلىرىغا، ھەتتا سۆيۈملۈك ئايالى ياكى باشقا پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بېرىشنىمۇ خالىمايدۇ. 56-57دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلەردە ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ نازۇك ھېسابلىنىدىغان، ھەتتا يەرگە ئاۋايلاپ دەسسەيدىغان ئاياللارمۇ ئۆزى تۇغقان بوۋاقلىرى ۋە ھەمراھىنى سۆيۈملۈك ئېرى ۋە بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرمەي، ئۆزى يالغۇز يەيدۇ.

58مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ھەممە قانۇنغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك نامىغا ھۆرمەت قىلىڭلار، 59بولمىسا ئۇ سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر ئاپەتلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار قىلىدۇ. 60مىسىرلىقلار مۇپتىلا بولغان قورقۇنچلۇق كېسەللەرگە سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلىپ، مەڭگۈ ساقايتمايدۇ. 61تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، سىلەرنى بۇ قانۇندا خاتىرىلەنمىگەن باشقا ھەرخىل كېسەللەر ۋە ئاپەتلەرگىمۇ دۇچار قىلىدۇ. 62ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، سانىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئاز قالىسىلەر. 63سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر.

64پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر. 65سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ. 66تەشۋىشتە قالىسىلەر، كېچە-كۈندۈز ۋەھىمە ئىچىدە ياشايسىلەر، ھايات-ماماتىڭلارنى بىلىشىڭلار قىيىن بولىدۇ. 67دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆرۈپ، قەلبىڭلار قورقۇنچقا تولىدۇ، كۈندۈزى كېچىنىڭ كېلىشىنى، كېچىدە تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتىسىلەر. 68پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا ھەرگىز قايتىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سىلەرنى كېمە بىلەن مىسىرغا قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئۆزۈڭلارنى دۈشمىنىڭلارغا قۇللۇققا ساتماقچى بولساڭلارمۇ، لېكىن ھېچكىم سىلەرنى ئالمايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى