« قانۇننىڭ تەكرارى »

15

قەرزنى كەچۈرۈم قىلىش يىلى

1_ ھەر يەتتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. 2ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر. 3يات خەلقلەردىن قەرز سۈيلىسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قانداق قەرزى بولسۇن ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. 4-5پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئاشۇ زېمىندا سىلەرنى ئۆزى بەرىكەتلىك قىلىدۇ، ئاراڭلاردا نامراتلار بولمايدۇ. 6پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. سىلەر باشقا خەلقلەرگە قەرز بېرىسىلەر، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر. نۇرغۇن ئەللەرنى باشقۇرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى باشقۇرمايدۇ.

7سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار. 8ئەكسىچە، ئۇلارغا سېخىيلىق قىلىڭلار، ئۇلارغا قانچىلىك كېرەك بولسا، شۇنچىلىك قەرز بېرىڭلار. 9ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر. 10سېخىي بولۇڭلار، بەرگىنىڭلاردىن پۇشايمان قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. 11زېمىنىڭلاردا ھامىنى نامراتلار بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئىسرائىللاردىن بولغان موھتاج، نامرات قېرىندىشىڭلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.

12ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر-ئايال قېرىندىشىڭلار سىلەرگە قۇللۇققا سېتىلسا، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلسۇن، يەتتىنچى يىلى ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار. 13ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. 14پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان قوي، ئاشلىق ۋە شارابتىن ئۇلارغىمۇ سېخىيلىق بىلەن ھەدىيە قىلىڭلار. 15ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇللۇقتا ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزدى. شۇڭا مەن بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيمەن. 16لېكىن قۇللىرىڭلار سىلەرنى ۋە ئائىلەڭلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى، سىلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلىشنى خالىمىسا، 17ئۇلار ئىشىككە يۆلەنسۇن، سىلەر بىگىز بىلەن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بىر تۆشۈك تېشىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلۇڭلار بولىدۇ. دېدەكلەرنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. 18قۇللىرىڭلارنى ئازاد قىلىدىغان ۋاقتىڭلاردا ئەپسۇسلانماڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە ئالتە يىل خىزمەت قىلدى. ئادەتتە قۇلنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى مەدىكارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئەجىرلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.

19پادىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاڭلار. ئەركەك كالىلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرى بىلەن يەر ھەيدىمەڭلار ھەم قوچقارلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قىرقىماڭلار. 20ھەر يىلى سىلەر پۈتۈن ئائىلەڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىغا بېرىپ، ئاشۇ كالا، قويلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار. 21ئەگەر بۇ ماللار توكۇر، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، 22يۇرتۇڭلاردا يەڭلار. بۇلارنى خۇددى جەرەن ۋە بۇغا يېگەنگە ئوخشاش پاك كىشىلەرمۇ، ناپاك كىشىلەرمۇ يېسە بولىدۇ. 23لېكىن قېنىنى يېمەڭلار، قېنىنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى