« قانۇننىڭ تەكرارى »

14

ھارام ۋە ھالال يېمەكلىكلەر

1_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار. 2سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.

3خۇدا مەنئى قىلغان ھەرقانداق نەرسىلەرنى يېمەڭلار. 4كالا، قوي، ئۆچكە، 5بۇغا، جەرەن، كېيىك، تاغ ئۆچكىسى، بۆكەن ۋە ئارقارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 6تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 7كۆشەيدىغان ياكى تۇيىقى ئاچىماق ھايۋانلاردىن تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇرنى يېمەڭلار. چۈنكى ئۇلار كۆشىسىمۇ، لېكىن تۇيىقى ئاچىماق بولمىغاچقا، سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. 8چوشقىمۇ سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەستۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ.

9سۇدا ياشايدىغان قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 10سۇدا ياشايدىغان قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ.

11ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 12يېگىلى بولمايدىغان ھارام قۇشلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى، 13ھەر خىل سار ۋە لاچىن، 14قاغا-قۇزغۇنلار، 15-17ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، تازقارا، قارونا، 18لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ.

19قاناتلىق، توپلىشىپ ئۇچىدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ. 20لېكىن بارلىق قاناتلىق ھالال جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.

21ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.

ئوندىن بىر ئۈلۈش

22_ ھەر يىلى ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى 23پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان جايدا تەقدىم قىلىڭلار. تەقدىم قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، ئىچىڭلار. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن بىر ئۆمۈر ئەيمىنىشنى ئۆگىنىسىلەر. 24پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسا، لېكىن سىلەر تۇرىدىغان يەر بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىدىن يىراق بولۇپ، مال-مۈلكۈڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاپىرىپ بېرەلمىسەڭلار، 25ئۇنى كۈمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 26سىلەر شۇ يەردە كالا، قوي، مەي ۋە شارابلارنى خالىغانچە سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە يەڭلار، ئىچىڭلار، شادلىنىڭلار. 27لېكىن يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىنمىغاندۇر.

28ھەر ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالغان بارلىق ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ، شەھەردە ساقلاڭلار. 29ئۇنى يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەر، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە يەر تەقسىم قىلىنمىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار، ئۇلار يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى