« قانۇننىڭ تەكرارى »

21

ئېنىقلانمىغان قاتىللىق توغرىسىدا

1_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋاقتىڭلاردا بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆلۈكىنىڭ دالاغا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، لېكىن كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىق بولمىسا، 2شۇ يەردىكى ئاقساقال ۋە سوتچىلىرىڭلار بېرىپ، جەسەتنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ باقسۇن. 3جەسەت بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان شەھەردىكى ئاقساقاللار بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر ئىنەكنى 4جىلغىدىكى سۇلار ئېقىپ تۇرغان بوز يەرگە ئەكېلىپ، بوينىنى سۇندۇرسۇن. 5ئۇ يەردە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئالدىغىراق چىقسۇن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللانغاندۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت تىلەيدۇ، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە زوراۋان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 6ئاشۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە قولىنى يۇيسۇن. 7ئاندىن: «بىزنىڭ قولىمىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمىدى، كۆزىمىز كىمنىڭ بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدى. 8ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ قۇتقۇزغان ئىسرائىل خەلقىدىن بۇ گۇناھنى ساقىت قىلغايسەن، گۇناھسىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» دەپ دۇئا قىلسۇن. شۇندىلا قاتىللىق قىلىش گۇناھى خەلقتىن ساقىت قىلىنىدۇ. 9سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلساڭلار، ئىسرائىل خەلقىگە ئارتىلغان بۇ قاتىللىق گۇناھىدىن ئاقلىنىسىلەر.

ئايال ئەسىرلەر توغرىسىدا

10_ دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دۈشمىنىڭلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى سىلەرگە ئەسىر قىلىپ بەرسە، 11بەزىلىرىڭلار ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنى ئەمرىڭلارغا ئالغۇڭلار كېلىشى مۇمكىن. 12ئۇنداقتا ئۇ قىزنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كېتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ، 13ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر ئاي قارىلىق تۇتۇشقا يول قويۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمرىڭلارغا ئېلىڭلار. 14ئەگەر كېيىن ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، ئەركىنلىككە چىقىرىڭلار. ئۇلارنى سېتىشقا، قۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي نىكاھىڭلارغا ئېلىنغاندۇر.

تۇنجى ئوغۇلنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى توغرىسىدا

15_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا، 16ئۇ ئادەم مۈلۈك تەقسىملەيدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلىنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىشىگە بولمايدۇ. 17ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.

ئىتائەتسىز ئوغۇل توغرىسىدا

18_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى جاھىل، ئىتائەتسىز، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ، تەربىيە قىلسىمۇ گەپ ئاڭلىمىسا، 19ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە: 20«بىزنىڭ بۇ ئوغلىمىز جاھىل ۋە ئىتائەتسىزدۇر، گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئۇ بىر بەتخەج ھەم شارابخوردۇر» دېسۇن. 21ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.

باشقا ئىشلار توغرىسىدا

22_ ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جەسىتى دەرەخكە ئېسىپ قويۇلسا، 23جەسەت دەرەختە كېچىچە تۇرۇپ قالمىسۇن. ئۇنى چوقۇم شۇ كۈنىلا دەپنە قىلىۋېتىڭلار. دەرەخكە ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغاندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇلغىماڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى