« قانۇننىڭ تەكرارى »

5

ئون پەرز

1مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى:

_ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 2پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى. 3بۇ ئەھدىنى ئەجدادلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر بىلەنمۇ تۈزگەنىدى. 4پەرۋەردىگار تاغدىكى كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدىن سىلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشكەنىدى. 5ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: 6«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. 7مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن. 8ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار. 9ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن. 10لېكىن، مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن. 11نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن. 12مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. 13ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار. 14يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ھەتتا ئۆكۈزۈڭلار، ئېشىكىڭلار ياكى باشقا چارۋا مېلىڭلارنىمۇ ئىشلەتمەڭلار. قۇللىرىڭلار ۋە دېدەكلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش دەم ئالسۇن. 15ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم. 16مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىلەر. 17قاتىللىق قىلماڭلار. 18زىنا قىلماڭلار. 19ئوغرىلىق قىلماڭلار. 20يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار. 21باشقىلارنىڭ ئايالى، ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئېتىزلىرى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.»

22يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى. 23ئەينى چاغدا تاغدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، سىلەر پەقەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايتتىڭلار. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرى ئالدىمغا كېلىپ، 24مۇنداق دېگەنىدىڭلار: «قاراڭلار، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بىز بۈگۈن ئىنسان زاتىنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. 25شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا يەنە خەۋپكە تەۋەككۈل قىلايلى؟ ئۇ قورقۇنچلۇق ئوت يالقۇنى ئاڭلىساق، جەزمەن ھالاك بولىمىز. 26بۇ دۇنيادا كىممۇ بىزگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھايات قالالىغان؟ 27ئەگەر سەن بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېلىپ بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز.»

28پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن خەلقنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا. 29ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ. 30ئۇلارغا ئېيتقىن، ئۇلار چېدىرلىرىغا قايتىپ كەتسۇن، 31لېكىن سەن يېنىمدا قالغىن. مەن ساڭا بارلىق ئەمرلەرنى، قانۇن-نىزاملارنى سۆزلەپ بېرەي، سەن ئۇلارنى خەلققە ئۆگەتكىن. ئۇلار بۇ قانۇننى مەن ئۇلارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردا ئەمەلگە ئاشۇرسۇن.»

32شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار. 33پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئىگىلىگەن زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى