« قانۇننىڭ تەكرارى »

18

لاۋىيلار ۋە روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشلىرى

1_ پۈتۈن لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلاردىن بولغان روھانىيلارغا نېسىۋىسى سۈپىتىدە زېمىن تەقسىملەپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىدۇر. 2ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭلا زېمىنى يوقتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. 3سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قۇربانلىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى، ئېڭەك گۆشى ۋە قېرىنىنى روھانىيلارغا بېرىڭلار. 4تۇنجى ھوسۇل، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە تۇنجى قىرقىلغان قوي يۇڭۇڭلاردىن روھانىيلارغا ھەدىيە قىلىڭلار. 5چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا لاۋىيلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانغا تەيىنلىگەندۇر.

6ئەگەر لاۋىيلار ئىسرائىلىيەدە ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەردىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بارسا، 7پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلسا بولىدۇ. 8ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ، پايدىغا ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى بولغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلارغا ئېرىشسە بولىدۇ.

يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرىنى دورىماسلىق

9_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى دورىماڭلار. 10ئاراڭلاردا ئوغۇل-قىزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدىغانلار، پال سالىدىغانلار، رەمچىلەر، سېھىرگەرلەر، 11ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلار، ئەرۋاھ چاقىرىدىغانلار، جادۇگەرلىك قىلىدىغانلار، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەيدىغانلار بولمىسۇن. 12پەرۋەردىگار بۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەملەردىن يىرگىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلىۋېتىدۇ. 13پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇتلەق سادىق بولۇڭلار.

پەيغەمبەرلىك توغرىسىدا

14_ سىلەر قوغلىۋېتىدىغان ئەللەر رەمچى ۋە پالچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭلارغا يول قويمايدۇ. 15پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىڭلار ئىچىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللايدۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار. 16بۇنى سىلەر سىناي تېغىدا يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن تەلەپ قىلغانىدىڭلار. ئەينى چاغدا سىلەر: «ئەي پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، ئەمدى بىزگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتمىغايسەن، بىزگە يەنە ئوت يالقۇنۇڭنى كۆرسەتمىگەيسەن، بولمىسا بىز ئۆلىمىز» دېگەنىدىڭلار. 17شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار توغرا دەيدۇ. 18مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ. 19ئۇ مېنىڭ نامىمدا سۆز قىلىدۇ. ئەگەر بىرەرسى بۇ سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمىسا، ئۇ ئادەمنى ئۆزۈم جازالايمەن. 20ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 21بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: ‹پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟› دەپ ئويلايدىغانسىلەر. 22ئەگەر بىر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن سۆز قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنىڭ سۆزى مەندىن كەلگەن ئەمەستۇر. ئۇ پەقەت ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىگەندۇر، سىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭلار.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى