« قانۇننىڭ تەكرارى »

3

ئىسرائىللارنىڭ باشان پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىشى

1_ ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدۇق. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە بىز بىلەن ئۇرۇش قىلدى. 2پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا باشان پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى. بىز ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدۇق. 4باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان پۈتۈن ئارگوب رايونى بىزگە تەۋە بولدى. بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىگىلىدۇق. ئۇنىڭ جەمئىي ئاتمىش شەھىرى بولۇپ، بىزگە تەۋە بولمىغان بىرمۇ شەھىرى قالمىدى. 5بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى. 6بىز خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھەرلىرىدە قانداق قىلغان بولساق، ئوگنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىمۇ شۇنداق قىلىپ، ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى قىرغىن قىلدۇق. 7لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق.

8شۇنداق قىلىپ، بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھەر ئىككى ئامور پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالدۇق. ئارنون جىلغىسىدىن تاكى خەرمون تېغىغىچە بولغان يەرلەر بىزنىڭ بولدى. 9(خەرمون تېغىنى سىدونلۇقلار سىريون، ئامور خەلقى سىنىر، دەپ ئاتايدۇ.) 10بىز ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى، گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىنى، باشاندىكى ئوگ پادىشاھقا قاراشلىق سالكاھ ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزدۇق. 11(پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئىدى. ئۇ كارىۋات ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ھازىرغىچە بار.)

ئىگىلەنگەن زېمىننىڭ تەقسىم قىلىنىشى

12_ بىز بۇ زېمىنلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن ئارنون جىلغىسىغا جايلاشقان ئاروئېرنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى، گىلئاد تاغلىق رايونىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم. 13گىلئادنىڭ قالغان يېرىمىنى ھەمدە پۈتۈن باشاننى، يەنى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا بۆلۈپ بەردىم. (باشان، يەنى پۈتۈن ئارگوب زېمىنى رافاھلارنىڭ زېمىنلىرى دەپمۇ ئاتىلاتتى. 14ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان يائىر پۈتۈن ئارگوب زېمىنىغا، يەنى باشانغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىنىنىڭ چېگراسى گىشۇرلار ۋە مائاكالارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشاتتى. ئۇ يېزىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويدى، بۇلار تاكى ھازىرغىچە «يائىر يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.) 15ماناسسە قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان گىلئادنى ماكىر جەمەتىگە بەردىم. 16گىلئادتىن ئارنون جىلغىسىغىچە بولغان زېمىننى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم. ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بۇ ئىككى قەبىلىگە تەۋە زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي چېگراسى ئىدى، ئۇلارنىڭ زېمىنى ئامموننىڭ چېگراسى بولغان ياببوق دەرياسىغىچە سوزۇلغانىدى. 17ئۇلارنىڭ غەربىي چېگراسى ئىئوردان دەرياسى بىلەن، شىمالىي چېگراسى جەلىلىيە كۆلى بىلەن، جەنۇبىي چېگراسى ئۆلۈك دېڭىز بىلەن، شەرقىي چېگراسى پىسگاھ تېغى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

18شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن. 19پەقەت ئايالىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار (سىلەرنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار) مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن شەھەرلەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. 20سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»

21ئۇ چاغدا مەن يوشۇۋاغا: «سەن پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ ئىككى پادىشاھقا نېمە قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ. سەن دەريادىن ئۆتۈپ، باشقا ئەللەرنى ئىشغال قىلىشقا ئاتلانغىنىڭدا، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا چۈشۈرىدۇ. 22ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزى سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېدىم.

مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى

23_ ئۇ ۋاقىتتا مەن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندۈم: 24«ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن خىزمەتكارىڭغا ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە قۇدرىتىڭنى نامايان قىلىشقا باشلىدىڭ. مەيلى ئاسماندا، مەيلى يەردە بولسۇن، سەن قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغان باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر! 25ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.» 26لېكىن سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا غەزىپى كېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ماڭا: «بولدى، بۇ ئىشنى يەنە ئاغزىڭغا ئالمىغىن. 27پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، شەرق، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال تەرەپلەرگە نەزەر سالساڭ بولىدۇ، لېكىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسەڭ بولمايدۇ. 28سەن بۇ ئىشنى يوشۇۋاغا ھاۋالە قىلغىن، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگىن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، سەن نەزەر سالغان ئاشۇ زېمىننى ئىگىلەيدۇ» دېدى. 29شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پىئورنىڭ قارشىسىدىكى جىلغىغا كېلىپ چۈشتۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى