« يەرەمىيا »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

يەرەمىيانىڭ پەيغەمبەرلىكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 626-يىلىدىن، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيانىڭ 13-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 40 يىل داۋاملاشقان. بۇ ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھلىق بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقى ئاللىقاچان ئاسسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ بولۇنغان بولۇپ، بۇ ۋەقە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 722-يىلى يۈز بەرگەنىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئىسرائىللارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر بۇتپەرەسلىك يولۇڭلاردىن قايتمىساڭلار ۋەيرانچىلىققا ۋە سۈرگۈنگە مۇپتىلا بولىسىلەر» دېگەنىدى. لېكىن يەھۇدىيە خەلقى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ بەرگەن بېشارەتلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587-يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلدى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئاساسىي قىسمى سۈرگۈن قىلدى. يېرۇسالېم ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، يەھۇدىيەدە ھايات قالغان يەھۇدىيەلىكلەر يەنىلا پەرۋەردىگارنى تونۇماي ئۆزىنىڭ بۇتپەرەسلىكىدە چىڭ تۇردى. گەرچە يەرەمىيا خۇدانىڭ مىسىرغا بارماڭلار دېگەن ۋەھىيسىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا بويسۇنماي، مىسىرغا قېچىپ كەتتى. ئۇلار يەرەمىيا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بارۇكنىمۇ مىسىرغا مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى.

يەرەمىيا پەيغەمبەر بولغان ۋاقتىدا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ۋە قەستكە ئۇچرايدۇ. كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، زىندانغا تاشلىنىدۇ. گەرچە يەرەمىيا پەيغەمبەر خەلقى تەرىپىدىن شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خەلقىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خەلقى ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ. ئۇ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ 70 يىلدىن كېيىن سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەتمۇ بېرىدۇ. بۇ بېشارەت پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ۋاقتىدا ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەرەمىيا پەيغەمبەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن يېڭىدىن ئەھدە تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بېشارەت بېرىدۇ. يەرەمىيا يەنە باشقا قوشنا ئەللەر ھەققىدىمۇ بېشارەت بەرگەن بولۇپ، مىسىرلىقلارنىڭ كاركىمىشتا بابىللىقلار تەرىپىدىن يېڭىلىدىغانلىقى، بابىلنىڭ ئاخىر ھېسابتا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە يېزىلمىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىشى، كىتابنى چۈشىنىشىگە پايدىلىقتۇر.

تېزىس:

  1. يەرەمىيا پەيغەمبەرلىككە چاقىرىلىشى (1-باب)
  2. يوشىيا، يىھوياقىم، يىھوياكىن، زىدقىيا قاتارلىقلار يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردىكى ۋەھىيلەر (2-بابتىن 25-بابقىچە)
  3. يەرەمىيانىڭ پائالىيەتلىرى (26-بابتىن 29-بابقىچە)
  4. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئەھدە تۈزمەكچى بولۇشى (30-بابتىن 33-بابقىچە)
  5. يەرەمىيانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر (34-بابتىن 38-بابقىچە)
  6. يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەر (39-بابتىن 45-بابقىچە)
  7. باشقا ئەللەر توغرىسىدىكى ۋەھىيلەر (46-بابتىن 51-بابقىچە)
  8. يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەققىدىكى قايتا بايان (52-باب)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى