« يەرەمىيا »

29

يەرەمىيانىڭ بابىلدىكى يەھۇدىيلارغا يازغان خېتى

1يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى. 2(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.) 3ئۇ خەتنى شافاننىڭ ئوغلى ئەلئاسا ۋە خىلقىيانىڭ ئوغلى گىماريا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇلارنى بابىلغا، يەنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ قېشىغا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ئەۋەتكەنىدى. 4«قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: 5‹ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۇنىڭدا ماكانلىشىڭلار. كۆكتاتلىقلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئېلىنغان ھوسۇلدىن يەڭلار. 6توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن. 7سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەپ، دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.› 8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار. 9بۇ ئادەملەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن، پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىدىم!› 10پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بابىلدىكى يەتمىش يىلىڭلار توشقاندا، مەن كېلىپ، سىلەرگە ۋەدە بەرگەن بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 11چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار. 12ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 13مېنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، 14مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!› 15ئەمما سىلەر: ‹پەرۋەردىگار بابىلدا بىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدى› دەيسىلەر. 16لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ، داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان پادىشاھ ۋە يېرۇسالېمدا قالغانلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان تۇغقانلىرىڭلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاڭلار. 17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن. 18مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ. 19گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار! 20شۇڭا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.› 21قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ. 22بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ. 23ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

شىماياغا كەلگەن خەۋەر

24پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ بابىلدىكى نىخەلاملىق شىمائىياغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: 25«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن: سەن ئۆز نامىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە، شۇنداقلا مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيا ۋە باشقا بارلىق روھانىيلارغا خەت ئەۋەتىپ، بۇ سۆزلەرنى دېدىڭ: 26‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ. 27شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى توسمايسەن؟ 28ئۇ بابىلدا ياشاۋاتقان بىزلەرگە خەت ئەۋەتىپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىمىزنى، ئۆي سېلىپ، ماكانلىشىپ، كۆكتاتلىق بەرپا قىلىشىمىزنى ۋە ھوسۇل ئېلىپ يېيىشىمىزنى ئېيتتى.›»

29روھانىي زىفانىيا يېرۇسالېمدا بۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوقۇپ بەردى. 30پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

31_ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى. 32شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى