« يەرەمىيا »

25

يەتمىش يىل تۇتقۇن بولۇش

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان يىلى، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. 2يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:

3_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار. 4پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار. 5پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۇلار ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، قىلىۋاتقان رەزىل ئىشلىرىڭلارنى توختىتىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا سىلەرنى ياشاشقا قويىمەن. 6باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.»

7لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار. 8سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، 9مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن. 10مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ. 11پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ.

12لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 13مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. 14نۇرغۇن خەلقلەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قۇل قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»

خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ

15پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزىپىم شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن. 16ئۇلار بۇ قەدەھتىكى شارابنى ئىچكەندە، دەلدەڭشىپ قالىدۇ، ئەقلىدىن ئازىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن.

17شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇ مېنى ئەۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرگە ئىچكۈزدۈم. 18مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. 19مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى، 20مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار، 21ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى، 22تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى، 23دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر، 24قۇملۇقلاردا ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 25زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 26شىمالنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق پادىشاھلىرى ۋە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا بارلىق پادىشاھلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ شارابىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بابىل پادىشاھى ئىچىدۇ.

27ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»

28پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر ئۇلار قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر چوقۇم ئىچىشىڭلار كېرەك! 29قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

30ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن:

«پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ.

ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ،

خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ.

ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.

31ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ.

ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ،

رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

مانا بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

32قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ.

كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.»

33شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.

34بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن!

بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن!

چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ.

35بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرىگە يوشۇرۇنغۇدەك يەر قالمايدۇ.

خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!

36سەركىلەرنىڭ يىغا-زارى ۋە يولباشچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاڭلار.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.

37تىنچ يايلاقلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدە ۋەيران بولىدۇ.

38ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى