« يەرەمىيا »

12

يەرەمىيانىڭ شىكايىتى

1ئى پەرۋەردىگار،

مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە،

سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ.

شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن.

نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟

2سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى.

ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ،

ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق.

3ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن.

سەن مېنى كۆزىتىپ، ساڭا بولغان ئويلىرىمنى سىناپ تۇرىسەن.

بۇ رەزىل كىشىلەرنى خۇددى بوغۇزلىغىلى ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك سۆرەپ ئەكەتكەيسەن!

ئۇلارنىڭ قاچان ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەيسەن!

4قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟

بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.

لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.

خۇدانىڭ جاۋابى

5پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر سەن ئادەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ بەسلەشكەندە ئۇلار سېنى ھاردۇرۇۋەتسە، ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ ئاتلار بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيسەن؟

ئەگەر سەن تۈز يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشسەڭ، ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ كەتكەن چاتقاللىقتا قانداق ماڭىسەن؟

6ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرمۇ ساڭا خىيانەت قىلىدۇ،

ئۇلار ھەتتا سۇيىقەست ئويلاپ سېنى يوقاتماقچى بولىدۇ.

شۇڭا ئۇلار ساڭا يېقىنچىلىق بىلەن گەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن.

7مەن خەلقىمدىن ۋاز كېچىمەن.

«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان خەلقنى تاشلىۋېتىمەن.

مەن ئەزىز خەلقىمنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

8«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان بۇ خەلق ئورمانلىقتىكى شىردەك ماڭا ئېتىلدى.

ئۇلار ماڭا قاراپ ھۆركىرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

9ئۆز خەلقىم خۇددى ياۋا ئىتلار ياكى قۇزغۇنلارغا ئوخشاش ماڭا ھۇجۇم قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار ئولاشتى.

پۈتكۈل ئەللەر ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىلسۇن.

ئۇلار كېلىپ، بۇ خەلقىمنى يېۋەتسۇن!

10نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى،

زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى.

ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى.

11ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى.

پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.

12دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ.

مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن.

ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

13مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ.

ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

14مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن. 15بىراق مەن بۇ قوشنا ئەللەرنى ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ھەربىر ئەل خەلقىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 16بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن. 17ئەمما ھەرقانداق ئەل خەلقى سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىسا، مەن ئۇلارنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاپ، ۋەيران قىلىۋېتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى