« يەرەمىيا »

13

پوتا توغرىسىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا:

_ سەن بېرىپ، كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە كەندىر رەخت سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇنى بېلىمگە باغلىدىم.

3ئاندىن پەرۋەردىگار يەنە ماڭا:

4_ سەن بېلىڭگە باغلىۋالغان پوتىنى ئېلىپ، فاراھ دەرياسى بويىغا بارغىن. ئۇنى ئۇ يەردىكى تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغىن، _ دېدى.

5مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ قويدۇم.

6نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان جايدىن ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.

7مەن فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى يوشۇرۇپ قويغان جايدىن ئالدىم. لېكىن ئۇ پوتا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچنېمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.

8ئاندىن پەرۋەردىگاردىن ماڭا بۇ ۋەھىي كەلدى. 9پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن. 10بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. 11خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىدەك، مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىپ تاللىدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلىپ، ماڭا شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت ئەكېلىشنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى.

12شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹بارلىق شاراب ئىدىشلىرى شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدۇ›». ئۇلار بەلكىم ساڭا: «بىزنى شاراب ئىدىشلىرىنىڭ شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلامسەن؟» دېيىشى مۇمكىن. 13ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن. 14ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

سۈرگۈن قىلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

15مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم:

«قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن.

16پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ،

قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.

بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.

17ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار،

سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن.

قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»

18پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن:

‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار،

چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.

19نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ،

ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ.

يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ،

ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».

20مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم:

«ئەي يېرۇسالېم، باق!

شىمالدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنى كۆر!

ساڭا ئىشەنچ بىلەن ھاۋالە قىلىنغان ئادەملەر ھازىر قەيەردە؟

سېنى شۇنچە مەغرۇر قىلىۋەتكەن ئاشۇ پۇقرالىرىڭچۇ؟

21پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟

سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟

22سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن.

گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.

23بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن،

ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر.

چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»

24پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى:

«مانا بۇ، سىلەرنى قۇملۇقتىكى شامال پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

25بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلار،

مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم.

چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھىڭلارغا چوقۇندۇڭلار.

26مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن.

ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.

27مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن.

مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى،

خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك

ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك،

بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم.

ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى