« يەرەمىيا »

30

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى قۇتقۇزۇش ۋەدىسى

1پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

2_ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن، مەن ساڭا ئېيتقان بارلىق سۆزلەرنى بىر تېرىگە پۈتكىن. 3ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى مەن ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم!

4تۆۋەندىكى سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. 5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«تىنچلىق سادالىرى ئەمەس،

بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ.

6ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار:

‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟›

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟

ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟

7ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە.

ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر.

ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر،

لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.

8مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى،

ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن،

ئۇلارنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.

باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ.

9ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ،

شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ.

10مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى،

ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار،

ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار!

چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن.

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر.

سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.

11چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،

مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.

مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن،

لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن.

سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن،

ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.

12مەن سىلەرگە ئېيتاي: ياراڭلار ساقايماستۇر،

جاراھەتلىرىڭلار شىپا تاپمايدۇ.

13ئەرزىڭلارنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق،

يارىلىرىڭلارنى ساقايتىدىغان دورا يوق،

سىلەرگە ھېچقانداق داۋا يوق.

14بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى،

ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق.

مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم،

چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.

15سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟

مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.

16لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ.

بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ،

سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.

17گەرچە باشقىلار سىلەرنى ‹تاشلىۋېتىلگەن خەلق› دەپ ئاتاپ، ‹سىئون بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق› دېيىشسىمۇ،

لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى:

مەن يارىلىرىڭلارنى ساقايتىپ، ساغلاملىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.

ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن.

يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ.

پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.

19بۇ جايلاردىن تەشەككۈر ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ.

مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ.

مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ.

20ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك گۈللىنىدۇ.

مەن ئۇلارنى كۆز ئالدىمدا بىر خەلق قىلىپ تىكلەيمەن.

ئۇلارغا زۇلۇم سالغان ھەرقانداق ئادەمنى جازالايمەن.

21ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.

مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ.

چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

22سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر ۋە مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.»

23بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدۇ.

ئۇ خۇددى شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

24پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ.

ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى