« يەرەمىيا »

18

ساپالچى ۋە لاي

1پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا:

2_ سەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە بارغىن، مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ئۇنى چاق ئايلاندۇرۇپ ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تاپتىم. 4ئۇنىڭ ياسىغان ئىدىشى كۆڭلىدىكىدەك ياخشى چىقمىسا، ساپالچى ئۇنى لاي قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئىدىشقا ئۆزگەرتىپ، ئۆزى ئويلىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىكەن.

5ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

6_ ئەي ئىسرائىل خەلقى، ساپالچى لاينى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزەلىگەن يەردە، مەنمۇ سىلەرنى قانداق قىلماقچى بولسام، شۇنداق قىلالمامدىمەن؟ لاي ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ مېنىڭ قولۇمدىدۇرسىلەر. 7شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى پادىشاھلىقنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقى، يىقىتىلىدىغانلىقى ياكى ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىمەن. 8ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن. 9شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى خەلققە پادىشاھلىق قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ھەققىدە ۋەدە قىلىمەن. 10بىراق ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلماي، نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلسا، نىيىتىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا قىلغان ۋەدەمدىن يانىمەن.

11شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!› 12لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›».

13شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟

ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!

14لىۋاننىڭ تاغ چوققىسىدىكى قارلار يوقىلىپ كېتەرمۇ؟

ئېرىقلاردىكى يىراق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سوغۇق سۇلار قۇرۇپ كېتەرمۇ؟

15لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى!

شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى.

مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.

16شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ،

بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.

17شەرقتىن چىققان بوران نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىۋېتىمەن.

ئۇلارغا بالا-قازا يېتىپ كەلگەندە، ئارقامنى قىلىپ ياردەم قىلمايمەن.»

يەرەمىياغا بولغان سۇيىقەست

18شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر:

_ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.

19مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن،

دۈشمەنلىرىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغايسەن.

20ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟

ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ.

مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن،

سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.

21ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن،

ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن!

ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن!

ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!

22بۇلاڭچىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تالان-تاراج قىلىشقا ئەۋەتكەيسەن!

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن نالە-پەريادلار ئاڭلانسۇن!

چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورەك كولىدى، تۇزاق قۇردى.

23ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن.

ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن!

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!

ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن!

ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى