« يەرەمىيا »

38

يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىنىشى

1ماتاننىڭ ئوغلى شىفاتيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گىداليا، شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر قاتارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ خەلققە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: 2«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.› 3پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇلار شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ›».

4شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

5پادىشاھ زىدقىيا:

_ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.

7كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا، 8ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

9_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىشىلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇققا تاشلاپ، ناھايىتى يامان ئىش قىلدى. شەھەردە ئاشلىق تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ جەزمەن ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.

10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

_ بۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىڭلار، ئۇ قۇدۇقتا ئۆلۈپ قالمىسۇن.

11شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوردا خەزىنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىردى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئارغامچىغا باغلاپ، قۇدۇقتىكى يەرەمىياغا تاشلىدى. 12ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا:

_ يىرتىلغان بۇ كونا كىيىملەر بىلەن قولتۇقىڭىزنى يۆگەپ، ئارغامچىنى ئۈستىدىن باغلاڭ، _ دېدى.

يەرەمىيا ئەبەد-مەلەكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. 13شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.

پادىشاھنىڭ يەرەمىيادىن مەسلىھەت سورىشى

14ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچىنچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ يەرەمىياغا:

_ مەن سەندىن بىر سوئال سورايمەن. ھېچقانداق ئىشنى مەندىن يوشۇرما، _ دېدى.

15يەرەمىيا زىدقىياغا:

_ ئەگەر مەن ساڭا جاۋاب بەرسەم، سەن چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىسەن. مەسلىھەت بەرسەم، مەسلىھەتىمنى ئاڭلىمايسەن، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن زىدقىيا مەخپىي ھالدا قەسەم قىلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەڭگۈ ھايات ياراتقۇچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن ياكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن.

17شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا زىدقىياغا مۇنداق دېدى:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولساڭ، ھايات قالىسەن ۋە بۇ شەھەرمۇ كۆيدۈرۈلمەيدۇ. سەن بىلەن پۈتۈن ئائىلەڭ ھايات قالىدۇ. 18ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»

19پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بابىللىقلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتكەن يەھۇدىيەلىكلەردىن قورقىمەن. بابىللىقلار مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مېنى قىينىشى مۇمكىن.

20يەرەمىيا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ. 21لېكىن سەن تەسلىم بولمىساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بۇلار مېنىڭ غايىبانە ئالامەتتە كۆرگەنلىرىمدۇر: 22يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

«سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى،

ئۇلار سېنى باشقۇردى،

مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى،

يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»

23ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

24ئاندىن زىدقىيا يەرەمىياغا:

_ سەن بىزنىڭ پاراڭلاشقان سۆزلىرىمىزنى ھېچكىمگە ئېيتما. ئەگەر باشقىلارغا ئېيتساڭ، ئۆلىسەن. 25ئەمەلدارلار بەلكىم سەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن. ئۇلار قېشىڭغا كېلىپ: «سېنىڭ پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ساڭا نېمە دېگەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەر. بىزدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرما. بولمىسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشى مۇمكىن. 26ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.

27بارلىق ئەمەلدارلار يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىدى. يەرەمىيا ئۇلارغا دەل پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوراق قىلىشنى توختايتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پادىشاھ بىلەن قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىمىغانىدى. 28يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى