« يەرەمىيا »

42

يەرەمىيانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

1قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى. 2ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق. 3پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسە.

4يەرەمىيا پەيغەمبەر جاۋابەن:

_ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى.

5ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ:

_ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن. 6بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى.

7ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى. 8شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرىنى ھەمدە ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى يىغدى. 9ئاندىن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مېنى، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يېنىغا تەلەپلىرىڭلارنى ئېيتىشقا ئەۋەتتىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگار سىلەرگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: 10«ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم. 11سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. 12مەن ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشاشقا يول قويىدۇ.»

13يەرەمىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ لېكىن سىلەر «بۇ زېمىندا تۇرمايمىز» دەپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار 14ھەمدە «مىسىرغا كېتەيلى، ئۇ يەردە بىز ئۇرۇش كۆرمەيمىز، ئۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى ئاچارچىلىققا قالمايمىز، بىز ئۇ يەردە تۇرىمىز» دەيدىغان بولساڭلار، 15ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار، 16سىلەر قورققان ئۇرۇشلارغا ئۇ يەردە، يەنى مىسىر زېمىنىدا يولۇقىسىلەر. سىلەر قورققان ئاچارچىلىق كەينىڭلاردىن ئەگىشىپ بارىدۇ. سىلەر مىسىردا ھالاك بولىسىلەر. 17مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

18چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»

19يەرەمىيا ئۇلارنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەھۇدىيەدە ھايات قالغانلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا بارماڭلار» دەيدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بۈگۈن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم! 20سىلەر جانغا زامىن خاتالىق سادىر قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر مېنى «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە شۇنى قىلىمىز» دەپ مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن سوراشقا ئەۋەتتىڭلار. 21مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ماڭا سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئېيتقان ھېچقانداق سۆزىگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 22لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى