« يەرەمىيا »

9

1بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي،

ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.

2ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي.

چۆللەرنى ماكان قىلاي.

چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك

خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمى

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر.

يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان.

ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.

4ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن.

ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا

ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.

5ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ،

بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ.

ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.

6ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

ئۇلار مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشنى رەت قىلىدۇ.»

7شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن.

خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.

8ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ،

ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ.

قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ،

ئەمما قەلبىدە قىلتاق قويۇشنى ئويلايدۇ.

9شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى،

ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن.

مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»

10مەن مۇنداق دېدىم:

«تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن.

مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن.

ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ.

كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ.

ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن،

ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ.

مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن،

ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»

12مەن مۇنداق دەپ سورىدىم:

«كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»

13پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۇ خەلق مېنىڭ ئۇلارغا چۈشۈرگەن قانۇنلىرىمنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىشلار يۈز بەردى. ئۇلار ماڭا بويسۇنمىدى، يولۇمدا ماڭمىدى. 14ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹كۆرۈپ تۇرۇڭلاركى، بۇ خەلققە ئەمەندەك بەتتەم تائام يېگۈزىمەن ۋە زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن. 16مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›»

17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈڭلار!

يىغىچى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىڭلار،

ئۇلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىرى كەلسۇن.

18كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە،

ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.

19يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار:

‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق!

ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»

20مەن مۇنداق دېدىم:

«ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار.

قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار.

قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار

ھەمدە ھەربىرىڭلار قوشناڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار.

21چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ،

قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە.

ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى،

شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.

22پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان.

ئۇلار خۇددى ئورىۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›»

23پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن.

كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن.

بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.

24ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن.

مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

25-26پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى ۋە شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى