« ئەزەكىئەل »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

روھانىيلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئەزەكىئەل مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 597-يىلى يەھۇدىيەدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 593-يىلى خۇدا ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ. ئۇ ئاز دېگەندە 23 يىل پەيغەمبەر بولىدۇ ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەرەمىيا، بابىل شەھىرىدىكى دانىيال پەيغەمبەرلەر بىلەن زامانداش ياشايدۇ. «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئەزەكىئەل» ناملىق بۇ قىسمى خۇدا ئەزەكىئەلنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان تۇنجى غايىبانە ئالامەت بىلەن باشلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەن نۇرغۇن ۋەھىي ۋە كۆرسىتىلگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئۆز خەلقىگە يەتكۈزىدۇ. بەزىدە ئۇ خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇ ۋەھىيلەرنى سۈرگۈندىكى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەھىيلەرنىڭ مەزمۇنى سۈرگۈندىكى، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە قېلىپ قالغان ئىسرائىللار ھەققىدە بولىدۇ. ئۇ ۋەھىيلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەگە قوشنا بولغان نۇرغۇن ئەللەر ھەققىدىمۇ ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدۇ.

يېرۇسالېم ۋەيران بولغاندىن كېيىن، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى ئەزەكىئەل يەھۇدىيە خەلقىگە ئۈمىد ۋە خاتىرجەملىكتىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ غايىبانە ئالامەتتە جىلغىدىكى قۇرۇغان ئۇستىخانلارنىڭ تىرىلگەنلىكىدەك مۆجىزىلەرنى كۆرۈشى ۋە يېڭى بىر ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ۋە گۈللەندۈرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى.

تېزىس:

  1. خۇدانىڭ ئەزەكىئەلنى پەيغەمبەرلىككە تاللىشى (1-بابتىن 3-بابقىچە)
  2. يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى ۋەھىيلەر (4-بابتىن 24-بابقىچە)
  3. قوشنا ئەللەر ھەققىدىكى ۋەھىيلەر (25-بابتىن 32-بابقىچە)
  4. ئىسرائىلىيەنىڭ جازالىنىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى ۋەھىيلەر (33-بابتىن 39-بابقىچە)
  5. ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەھىيلەر (40-بابتىن 48-بابقىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى