« ئەزەكىئەل »

41

1ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئاساسىي خانىغا باشلاپ كىردى ۋە تاشقىرىقى خانا بىلەن ئاساسىي خانىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى، يەنى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى، تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى. 2ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 2.5 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ئادەم ئاساسىي خانىنىمۇ ئۆلچىدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى. 3ئاندىن ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىر ئىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 3.5 مېتىردىن ئىدى. 4ئۇ يەنە ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئۆلچىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 10 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ماڭا:

_ بۇ ئەڭ مۇقەددەس خانىدۇر، _ دېدى.

5ئاندىن ئۇ سىرتقا چىقىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى تاملىرىنى ئۆلچىدى، تاملارنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ ئەتراپىدا تاملارغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلار بار ئىدى. پەستىكى خانىلارنىڭ كەڭلىكى 2 مېتىردىن بولۇپ، 6بۇ يان خانىلار ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغانىدى. ھەربىر قەۋىتىدە ئوتتۇز خانا بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ سىرتقى قىسمى ئۈچ بالداق شەكىلىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ بالداقلار خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى قويىدىغانغا يۆلەك بولغانىدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىردۈرۈشكە ھاجەت بولمىغانىدى. 7بۇ يان خانىلار ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىققانچە كېڭىيىپ باراتتى، چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ ئاستى قېلىن بولۇپ، ئۈستىگە چىققانچە تارىيىپ باراتتى. پەلەمپەي ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىققىلى بولاتتى. 8‏ ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلارنىڭ 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم. 9-10يان خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانا بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئارىلىقىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەڭلىكى 10 مېتىردىن بولغان بوش يەر بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىمۇ كەڭلىكى 10 مېتىر بولغان بوش يەر بار ئىدى. 11ئىبادەتخانىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلارغا كىرىدىغان ئىككى ئىشىك بولۇپ، بىرى شىمالدا، يەنە بىرى جەنۇبتا ئىدى. سۇپا ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلاردىن 2.5 مېتىر كەڭلىكتە چىقىپ تۇراتتى.

غەرب تەرەپتىكى ئىمارەت

12ئىبادەتخانىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، يەنى ئارقىسىدىكى بوش يەردىن كېيىن چوڭ بىر ئىمارەت بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئىچىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىنىڭ ئۆلچەملىرى

13ئاندىن ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنى سىرتىدىن ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ كەينى تېمىدىن غەربىي ئىمارەتنىڭ ئاخىرقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى. 14ئىبادەتخانىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يان تەرىپىدىكى بوش يەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 50 مېتىر ئىدى.

15ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدىكى بوش يەردىن كېيىن ياسالغان ئىمارەتنى ئىككى تەرىپىدىكى پېشايۋان بىلەن قوشۇپ ئۆلچىدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى، ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ

ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنىڭ تەسۋىرى

16تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.

17ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ تاملىرىغا شۇنداقلا ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە 18كېرۇب ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى بىر كېرۇب، بىر خورما دەرىخى شەكلىدە ئۆلچەملىك ھالدا نەقىشلەنگەنىدى. كېرۇبلار ئىككى يۈزلۈك بولۇپ، 19بىر يۈزى ئادەمنىڭكىگە، يەنە بىر يۈزى شىرنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئىككى تەرىپىدىكى خورما دەرەخلىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىدىكى تاملارنىڭ ھەممىسى 20يەردىن ئىشىكنىڭ ئۈستىگىچە دەل مۇشۇنداق شەكىلدە ئىدى.

21ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكى تۆت چاسا ئىدى. ئاساسىي خانىدىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا 22قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا:

_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.

23ئاساسىي خانا ۋە ئەڭ مۇقەددەس خانىغا قوش قاناتلىق ئىشىكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، 24ئىشىكلەرنىڭ ھەربىر قانىتى قاتلىنىدىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقانىدى. 25ئۇلارغىمۇ كېرۇب ۋە خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزى ياغاچ پېشايۋانلىق ئىدى. 26تاشقىرىقى خانىنىڭ يان تاملىرىدا پەنجىرىلەر بار بولۇپ، بۇ تاملارغىمۇ خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. يان خانىلارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ ئايۋانلىرى بار ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى