« ئەزەكىئەل »

23

بۇزۇق ئاچا-سىڭىللار

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا-سىڭىل بار ئىدى. 3ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى. 4كېيىن ئۇلار مېنىڭ بولدى ۋە ماڭا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى. ئاچىسىنىڭ ئىسمى ئوھولا، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ئوھولىبا بولۇپ، ئۇلار سامارىيە ۋە يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

5ئوھولا مېنىڭ نىكاھىمدا بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئاشنىسى ئاسسۇرلار بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى. 6ئاشنىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆك كىيىم كىيگەن ئەمەلدار ۋە سەركەردىلەر بولۇپ، قامەتلىك، قىران چەۋەندازلار ئىدى. 7ئۇ مۇشۇنداق ئاسسۇرلارنىڭ سەرخىللىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۆزىنى بۇلغىدى. 8ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى. 9شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. 10ئۇلار ئۇنى يالىڭاچلاپ، بالىلىرىنى تارتىۋالدى، ئاندىن ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. جازاسىنى تارتقان ئوھولانىڭ يامان نامى ئاياللارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق جاھانغا تارقالدى.

11ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىبا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا پاھىشىلىك قىلىپ، ئاچىسىدىن بەكرەك بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. 12ئۇ ئاسسۇرلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، سەركەردىلىرى، يارىشىملىق لەشكىرىي كىيىم كىيگەن لەشكەرلىرى ۋە چەۋەندازلىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قامەتلىك، قىران يىگىتلەر ئىدى. 13مەن ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ۋە ئاچىسى بىلەن ئوخشاش يول تۇتقانلىقىنى كۆردۈم. 14ئۇ بۇزۇقچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر كۈنى تامدىكى قىزىل رەڭدە نەقىشلەنگەن بابىللىق يىگىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قالدى. 15سۈرەتتىكى يىگىتلەر بەللىرىگە بەلباغ باغلىغان، باشلىرىغا سەللە يۆگىگەن بولۇپ، ئۇلار بابىلنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئوخشايتتى. 16ئوھولىبا ئۇ رەسىملەرنى بىر كۆرۈپلا، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالدى ۋە بابىلغا ئەلچى ئەۋەتتى. 17كېيىن بابىللىقلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشق تۆشىكىدە ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇنى بۇلغىدى. ئوھولىبا بۇلغانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بابىللىقلاردىن يىرگىنىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى.

18ئوھولىبا داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى مەن ئۇنىڭ ئاچىسىدىن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگىنىمدەك ئوھولىبادىنمۇ بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈدىم. 19ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى. 20ئۇ جىنسىي ئەزالىرى ئېشەكنىڭكىدەك چوڭ ۋە مەنىيلىرى ئايغىرنىڭكىدەك كۆپ بولغان ئاشنىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ يۈردى. 21ئۇ مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدىكىدەك ھەرقانداق ئادەم كۆكسىنى سىلىيالايدىغان، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايدىغان بۇزۇقچىلىققا تەشنا ئىدى.

22شۇڭا ئەي ئوھولىبا، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگەن ئاشنىلىرىڭنى ھەممە تەرەپتىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. 23مەن بابىللىقلار، يەنى پىقود، شوئا ۋە قوئادىن كەلگەن پۈتۈن كالدانلار ۋە پۈتۈن ئاسسۇرلارنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار ياش ۋە قامەتلىك ئەمەلدارلار، باشلىقلار، سەركەردىلەر ۋە پالۋانلار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىقتۇر. 24ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ. 25مەن ئۇلار ئارقىلىق ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. ئۇلار ساڭا قەھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇرنۇڭنى، قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋالىدۇ، بالىلىرىڭنى ئەسىرگە ئېلىپ ئەكېتىدۇ. ئامان قالغانلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 26ئۇلار كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇۋېلىپ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. 27مەن مۇشۇنداق قىلىپ، سېنىڭ مىسىردا ئۆگەنگەن بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىلىكىڭنى توختىتىمەن، سېنىڭ مىسىرغا بولغان تەشنالىقىڭ يوقىلىدۇ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.»

28ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى سەن ئۆچ كۆرگەن ۋە بىزار بولۇپ يۈز ئۆرۈگەن ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 29ئۇلار ساڭا تولۇپ تاشقان ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. سېنىڭ تىرىشىپ تاپقانلىرىڭنى تارتىۋالىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. سېنىڭ پاھىشىلىكىڭ ئاشكارا بولۇپ، چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ. 30سەن باشقا ئەللەر بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلار چوقۇم بېشىڭغا كېلىدۇ. 31سەن ئاچاڭ بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭغانىكەنسەن، ئۇ ئىچكەن جازا شارابىنى سەنمۇ ئىچىسەن.»

32ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سەن ئاچاڭنىڭ چوڭ ھەم چوڭقۇر قەدىھىدىكى جازا شارابىنى چوقۇم ئىچىسەن،

كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ئاھانىتىگە قالىسەن.

بۇ قەدەھ لىقمۇلىق تولغاندۇر.

33ئاچاڭ سامارىيەگە سۇنۇلغان قەدەھ ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت قەدىھىدۇر.

سەن ئۇنى ئىچسەڭلا مەست بولىسەن، قەلبىڭنى ھەسرەت قاپلايدۇ.

34سەن ئۇ جازا شارابىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىسەن،

ئاندىن قەدەھنى ئۇرۇپ چاقىسەن، كۆكسۈڭنى تىلىسەن.

بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

35ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.»

36پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، ئوھولا ۋە ئوھولىبانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى يۈزىگە سال. 37ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلدى، قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. ھەتتا ئۇلار ماڭا تۇغۇپ بەرگەن بالىلىرىنى بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، يېمەكلىك سۈپىتىدە ئاتىدى. 38بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغان كۈنى مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. 39ئۇلار بالىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بۇتقا ئاتىغان كۈنى مېنىڭ ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇنى بۇلغىدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدا قىلغان ئىشلىرىدۇر.

40ئۇلار ھەتتا يىراقتىكى ئەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگۈچە بويىنى سۇغا سېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، 41ئېسىل تۆشىكىدە ئولتۇرۇپ تۇردى. تۆشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە ماڭا مەنسۇپ بولغان پۇراقلىق ئىسرىق ۋە زەيتۇن يېغىنى تىزدى.

42ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدىن كىشىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىىسىز كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۆلدىن كەلگەن شارابخور، يارىماسلار بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارغا بىلەزۈكلەر سېلىپ قويدى، باشلىرىغا گۈزەل تاجلارنى تاقىدى. 43مەن بۇ ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېدىم: «پاھىشىلىك قىلىپ ھارغان بۇ ئاياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىۋېرىڭلار.» 44ئۇ كىشىلەر نومۇسسىز ئوھولا ۋە ئوھولىبادىن شۇنداق پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشتى. 45لېكىن ھەققانىي ئادەملەر بۇ ئاياللارنى زىنا قىلغان ۋە قان تۆككەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئايال پاھىشىلىك قىلدى ۋە قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى.

46مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئۇلارغا بىر قوشۇننى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قورقۇنچقا چۈشىدۇ. 47كىشىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.

48شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ زېمىندىكى بۇزۇقچىلىقلارنى يوقىتىمەن. بارلىق ئاياللار ئىبرەت ئالىدۇ، ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. 49ئەي ئاچا-سىڭىللار، مەن سىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىق ۋە بۇتپەرەسلىك قىلغان گۇناھىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى