« ئەزەكىئەل »

42

روھانىيلارغا تەۋە ئىمارەتلەر

1ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەردە خانىلارغا بۆلۈنگەن بىر ئىمارەت بولۇپ، بۇ ئىمارەت ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقانىدى. 2بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر بولۇپ، خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى. 3بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى. 4ئىمارەتنىڭ ئالدىدا كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر كېلىدىغان بىر يول بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى. 5ئىمارەتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار بىرىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا قارىغاندا تارراق بولۇپ، پەلەمپەي شەكلىدە سېلىنغانىدى، چۈنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارنىڭ ئالدىغا كەڭرىرەك بوشلۇق قالدۇرۇلغانىدى. 6بۇ ئىمارەت ھويلىلاردىكى باشقا ئۆيلەردەك تۈۋرۈكلۈك ئەمەس ئىدى. خانىلار يۇقىرى قەۋەتكە چىققانچە تارىيىپ باراتتى. 7-8ئىمارەتنىڭ شىمالىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە يەنە بىر ئۆي بار ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلەتتى. ئۆينىڭ جەنۇبىي يان تېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر تام قوپۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تام ئىمارەتكە پاراللېل كېلەتتى. تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى. 9ئىمارەتكە تاشقىرىقى ھويلىدىن ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.

10ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ جەنۇبىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە شىمالدىكى ئىمارەت بىلەن ئوخشاش يەنە بىر ئىمارەت بار ئىدى. 11بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا بىر يول بار ئىدى. ئىمارەتتىكى خانىلار بىلەن شىمالدىكى ئىمارەتنىڭ خانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئىشىكلىرى، قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئىدى. 12خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى جەنۇبقا قارايتتى، ئىمارەتكە ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.

13ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر. 14روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.

ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنىڭ تېمى

15ئۇ ئادەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى ئىمارەتلەرنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، تاشقىرىقى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى ۋە ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى. 16ئۇ ئاۋۋال ئۆلچەم تايىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر ئىدى. 17ئۇ شىمال تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى. 18ئۇ يەنە جەنۇب تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى. 19ئاندىن ئۇ بۇرۇلۇپ، غەرب تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى. 20دېمەك، تۆت تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىردىن ئىدى. بۇ تاملار ئىبادەتخانا رايونى بىلەن ئادەتتىكى رايونلارنى ئايرىپ تۇراتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى