« ئەزەكىئەل »

38

گوگقا قارشى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ماگوگ زېمىنىدىكى مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگقا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. 4مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن. 5سېنىڭ قوشۇنۇڭدا قالقان تۇتقان، دۇبۇلغا كىيگەن پېرسىيەلىكلەر، كۇشلار، پۇئۇتلار، 6گومەر خەلقىنىڭ لەشكەرلىرى ۋە يىراق شىمالدىكى توگارما يۇرتىنىڭ لەشكەرلىرى بولىدۇ. بۇ قوشۇن ناھايىتى كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بولىدۇ.

7ھازىرلان، ئەتراپىڭغا كېلىپ توپلانغان قوشۇنۇڭ بىلەن تەييار بول، سەن ئۇلارغا باشچىلىق قىلىسەن. 8يەنە نۇرغۇن يىلدىن كېيىن سەن جەڭگە چاقىرىلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەن ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن زېمىنغا، يەنى ھەرقايسى ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن. 9سەن نۇرغۇن ئەللەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇڭ بىلەن بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن. سېنىڭ قوشۇنۇڭ خۇددى قارا بۇلۇت زېمىننى قاپلىغاندەك قاپلايدۇ. 10ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن. 11سەن مۇنداق دەيسەن: ‹سېپىل ۋە دەرۋازىسىز يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان، خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن. 12مەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايمەن. ھەرقايسى ئەللەردىن قايتىپ كېلىپ، خاراب يۇرتلارنى گۈللەندۈرگەن خەلققە ھۇجۇم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ چارۋىلىرى ۋە مۈلكى ھەددى-ھېسابسىزدۇر، ئۇلار دۇنيانىڭ كىندىكىدىدۇر.› 13شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»

14شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئادەم بالىسى، سەن گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاشۇ كۈنى كەلگەندە، ئىسرائىل خەلقىمنىڭ خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىسەن! 15سەن يىراقتىكى شىمالدىن كېلىسەن، نۇرغۇن خەلق سېنىڭ تەرىپىڭدە بولىدۇ. ھەممىڭلار ئاتلىق زور قوشۇن بولىسىلەر. 16ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.

17مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›

18گوگ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، مەن چوقۇم غەزەپلىنىمەن. 19مەن قاتتىق قەھر-غەزىپىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەيدۇ. 20دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئالدىمدا غال-غال تىترەيدۇ. تاغلار غۇلايدۇ، قىيالار يېرىلىدۇ، سېپىللار ئۆرۈلىدۇ. 21مەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا گوگقا قارشى قىلىچ ھازىرلايمەن، ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىن قىلدۇرىمەن، بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 22ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن. 23مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى ۋە مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، ھەرقايسى ئەللەرگە ئۆزۈمنى تونۇتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى