« ئەزەكىئەل »

46

1ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

_ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ھەپتىنىڭ ئالتە ئىش كۈنىدە تاقاق تۇرسۇن، پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئوچۇق تۇرسۇن. 2بۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ خانىسىغا كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرسۇن. روھانىيلار پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى قۇربانلىق قىلسۇن. پادىشاھ ئىشىك تۈۋىدىلا سەجدە قىلسۇن، ئاندىن چىقىپ كەتسۇن. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى كەچ كىرگۈچە تاقالمىسۇن. 3دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئىسرائىل خەلقى بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھۇزۇرۇمدا ماڭا سەجدە قىلسۇن. 4پادىشاھ دەم ئېلىش كۈنى ماڭا ئاتاپ ئالتە تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. 5قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن، پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنسۇن. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى قوشۇپ سۇنسۇن. 6يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى بېجىرىم بولغان بىر تۇياق بۇقا، ئالتە تۇياق ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق قوچقار سۇنسۇن. 7بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا سۇنسا بولىدۇ. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە چوقۇم بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنسۇن.

8پادىشاھ ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىگە كىرگەندە، پەقەت خانىسىغىلا كىرسۇن ۋە كىرگەن يولى بىلەن چىقىپ كەتسۇن. 9ئىسرائىل خەلقى بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى ھۇزۇرۇمدا مەنكى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدىغان ۋاقتىدا شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق چىقىپ كەتسۇن. ھېچكىممۇ كىرگەن دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن قايتمىسۇن، چوقۇم قارشى تەرىپىدىكى دەرۋازا بىلەن چىقىپ كەتسۇن. 10پادىشاھ ھېيت كۈنلىرى خەلق بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتخانىغا كىرسۇن ۋە خەلق بىلەن بىرگە چىقىپ كەتسۇن.

11بەلگىلەنگەن ھەربىر ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن سۇنۇلسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا بولسۇن. ھەر 5 كىلو ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنۇلسۇن. 12ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن.

13پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. 14شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر كۈنى ئەتىگەندە 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا 2 لىتىر زەيتۇن يېغى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. مەنكى پەرۋەردىگارغا بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇش سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. 15شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە پاقلان، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغى تەييارلاپ، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.

خانلىق يەر ھەققىدە

16ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

_ ئەگەر پادىشاھ خانلىق يېرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوغلىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، بۇ يەر ئوغلىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسى بولىدۇ. 17ئەگەر ئەمەلدارىغا سوۋغا قىلىپ بەرسە، ئەمەلدارى ھۆرلۈك يىلىغىچە بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ھۆرلۈك يىلى كەلگەندە، يەر پادىشاھقا قايتىدۇ. پادىشاھنىڭ مۈلكىگە پەقەت ئۇنىڭ ئوغۇللىرىلا ۋارىسلىق قىلىدۇ. 18پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئىبادەتخانىنىڭ ئاشخانىلىرى

19ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئادەم مېنى شىمالىي ئىچكىرىكى دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدى شىمالغا قارايدىغان روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس خانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا باشلاپ كەلدى. شۇ يەردە ئۇ ئادەم ماڭا غەربتىكى ئەڭ چەتتىكى بىر يەرنى كۆرسەتتى. 20ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، مۇقەددەس گۆشنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ خەلققە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنالايدۇ.

21ئۇ ئادەم مېنى ئۇ يەردىن يەنە تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىنى كۆرسەتتى. قارىسام، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا بىردىن كىچىك ھويلا بار ئىكەن. 22ھەربىر ھويلا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 20 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. 23ھەربىر ھويلىنىڭ ئىچ تەرىپىدە تامنى بويلاپ بىر قاتاردىن تاش ئوچاق بار ئىدى. 24ئۇ ماڭا:

_ بۇلار ئىبادەتخانىدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ خەلق سۇنغان قۇربانلىقلارنى پىشۇرىدىغان يەرلىرىدۇر، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى