« ئەزەكىئەل »

43

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قايتىپ كېلىشى

1كېيىن ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە ئەكەلدى. 2قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى. 3مەن كۆرگەن بۇ غايىبانە ئالامەت خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان چاغدا كۆرگەن ئالامەتكە ۋە كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن ئالامەتكە ئوخشايتتى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم. 4پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى. 5ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.

6ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمدا تۇراتتى. ئىبادەتخانا ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 7ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ. 8ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم. 9ئۇلار ئەمدى بۇتقا چوقۇنمىسۇن، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلمىسۇن. شۇندىلا مەن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.

10ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ساڭا كۆرسىتىلگەن ئىبادەتخانىنى تەسۋىرلەپ بەرگىن. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى ھەققىدە ئويلانسۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلسۇن. 11ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلغاندا، ئۇلارغا سەن ئىبادەتخانىنىڭ لايىھەسى، قۇرۇلمىسى، دەرۋازا ئىمارەتلىرى ۋە نەقىشلىرىدىن تارتىپ، ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرگىچە سۆزلەپ بەرگىن ھەمدە بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈپ قويغىن، ئۇلار لايىھەنى چۈشەنسۇن، قائىدىگە رىئايە قىلسۇن.

12تاغ ئۈستىدىكى ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئەڭ مۇقەددەس يەر دەپ قاراڭلار. ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم بەلگىلىمە مۇشۇدۇر.

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىنىشى

13پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

_ تۆۋەندىكىلەر قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۆلچەملىرىدۇر. قۇربانلىق سۇپىسىىنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ تۆت ئەتراپىدا چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ يېرىم مېتىردىن كېلىدىغان ئېرىق بولسۇن، ئېرىقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىر چىقىرىلسۇن.

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى مۇنداق بولسۇن: 14‏ ئېرىق قىرىدىن باشلاپ ئۆلچىگەندە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر بولسۇن. ئوتتۇرىدىكى بۆلىكى ئاستىنقى بۆلىكىدىن يېرىم مېتىر ئىچىگە تارتىپ ياسالسۇن، ئېگىزلىكى 2 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 7 مېتىردىن بولسۇن. 15ئۈستۈنكى بۆلىكىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر، تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بولسۇن. 16ئۈستۈنكى بۆلىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىمۇ ئوخشاشلا 6 مېتىردىن بولسۇن. 17ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ گىرۋىكىگە يېرىم مېتىر كەڭلىكتە ئېرىق ياسالسۇن، ئېرىقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىر چىقىرىلسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە پەلەمپەي بولسۇن.

18پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋام قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «قۇربانلىق سۇپىسى پۈتكەندىن كېيىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە قان چېچىشقا ئائىت قائىدىلەر مۇنداق بولىدۇ. 19ھۇزۇرۇمدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىي زادوق ئەۋلادلىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا بەرگىن. 20ئاندىن بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە، ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە قىرىغا سۈركەپ قويغىن. شۇنداق قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلىغىن. 21گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن بۇقا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆيدۈرۈلسۇن.

22ئىككىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنغىن. ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇقىنىڭ قېنى بىلەن قانداق پاكلىغان بولساڭلار، تېكىنىڭ قېنى بىلەن شۇنداق پاكلاڭلار. 23قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاپ بولغاندىن كېيىن، بېجىرىم بولغان بىر تۇياق بۇقا ۋە قوچقارنى 24ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرگىن. روھانىي سويۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. 25ئۇدا يەتتە كۈن، ھەر كۈنى بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلغىن. بۇنىڭدىن سىرت ھەر كۈنى بىر تۇياق بۇقا، بىر تۇياق قوچقارنى قۇربانلىق ئۈچۈن كەلتۈر، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 26بۇ يەتتە كۈندە روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلاپ، مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىسۇن. 27يەتتە كۈندىن كېيىن، يەنى سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنسا بولىدۇ. شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى