« ئەزەكىئەل »

18

ھەركىم ئۆز گۇناھىغا جاۋابكاردۇر

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئېيتىلغان «ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن ماقالنى قايتا تىلغا ئالىسىلەر؟ 3مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەمدى ئىسرائىلىيەدە بۇ ماقالنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسىلەر. 4چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.

5ئەگەر ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلىدىغان ھەققانىي بىر ئادەم بار دېيىلسە، 6ئۇ تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، ھەيزدار ئايالغا يېقىنلاشمىسا، 7باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە، 8قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، ئادالەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرسا، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرسە، 9مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن ئەمەل قىلسا، ئۇ ئادەم ھەققانىي ئادەمدۇر، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

10ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ زوراۋان بىر ئوغلى بار دېيىلسە، ئۇ قان تۆكۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنىڭ بىرەرسىنى قىلسا، 11ئۆز ئاتىسى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان يامان ئىشلارنى قىلسا، يەنى تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتقا ئاتالغان قۇربانلىق گۆشلەرنى يېسە، زىنا قىلسا، 12نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، 13قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.

14ئەگەر ئاشۇ زوراۋان ئوغلىنىڭ بىر بالىسى بار دېيىلسە، ئۇ ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭمىسا، 15تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، 16باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە، 17نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. 18لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسىغا كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان، ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان ۋە نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارنى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ.

19سىلەر: «بالىسى نېمە ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتمايدۇ؟» دەپ سورايسىلەر. چۈنكى بالىسى ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلدى، مېنىڭ قانۇنۇمغا ئەمەل قىلدى، شۇڭا ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ. 20كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.

21ئەگەر رەزىل ئادەم گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ. 22ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان توغرا ئىشلىرى سەۋەبىدىن ھايات قالىدۇ. 23مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق سورايمەنكى، ئەجەبا، رەزىللەر ئۆلسە، مەن خۇرسەن بولارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھلىق يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالىمايمەنمۇ؟ 24ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.

25لېكىن سىلەر: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر! 26ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ، قىلغان ئادالەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن چوقۇم ھالاك بولىدۇ. 27ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. 28چۈنكى ئۇ ھوشىنى تېپىپ، گۇناھىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ. 29لېكىن سىلەر ئىسرائىللار: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر!

30شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنى قىلمىشلىرىڭلارغا لايىق جازالايمەن! گۇناھىڭلارنىڭ سىلەرنى نابۇت قىلماسلىقى ئۈچۈن، توۋا قىلىپ، گۇناھلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈڭلار. 31سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟ 32مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلمايمەن. توۋا قىلىڭلار، ھايات قالىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى