« ئەزەكىئەل »

27

تىر شەھىرىگە مەرسىيە

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ. 3دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان ۋە دېڭىزنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن خەلقلەر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان تىر شەھىرىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي تىر، سەن ئۆزۈڭنى ‹تەڭداشسىز گۈزەلمەن› دەپ ماختىغانىدىڭ.

4سېنىڭ چېگرالىرىڭ دېڭىزنىڭ مەركىزىگىچە ئىدى.

سېنى بەرپا قىلغۇچىلار كەم-كۈتىسىز گۈزەل بەرپا قىلغانىدى.

5سەن خېرمون تېغىنىڭ قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان كېمىگە ئوخشايسەن.

ماچتاڭ لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن،

6پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى.

پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ،

پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.

7مىسىرنىڭ كەشتىلىك رەختىدىن ياسالغانىدى يەلكىنىڭ،

تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ.

ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن

كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.

8كېمەڭنىڭ پالاقچىلىرى سىدون ۋە ئارۋادلىقلار ئىدى.

رولچىلىرىڭ ئىشقا ماھىر ئادەملىرىڭ ئىدى.

9گىباللىق پىشقان ئۇستىلار كېمەڭنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىپ تۇراتتى.

دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر سەن بىلەن سودا قىلاتتى.

10قوشۇنۇڭدا پېرسىيەلىكلەر، لۇدلار، پۇئۇتلار بار ئىدى،

ئۇلار قالقان ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ،

ھەيۋەڭنى نامايان قىلىشاتتى.

11ئەي تىر، ئارۋادلىقلار قوشۇنلىرىڭ بىلەن بىرگە سېپىللىرىڭنى قوغدايتتى،

گامادلىقلار مۇنارلىرىڭدا قاراۋۇللۇق قىلاتتى.

ئۇلار سېپىللارغا قالقانلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، سېنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىڭنى نامايان قىلاتتى.

12سەن مول بايلىققا ئىگە بولغاچقا، تارشىشلىقلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي ۋە قوغۇشۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. 13يۇنانلار، تۇباللار، مەشەكلەر سەندە سودا قىلاتتى. ئۇلار قۇللار ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، سېنىڭ ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى. 14توگارمالىقلار ئات، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. 15رودوس خەلقى سەن بىلەن سودىلىشاتتى. دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پىل چىشى ۋە قارا ئەبنوس ياغاچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.

16سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى. 17يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى. 18دەمەشقلىكلەرمۇ سېنىڭ تاۋارلىرىڭ ۋە بايلىقىڭنىڭ موللۇقىنى بىلىپ، خەلبوندا ئىشلەنگەن شاراب ۋە زاخارنىڭ يۇڭلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى. 19ئۇزال زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن شارابلىرىنى ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى. ساپ تۆمۈر، گۈلدارچىن، پۇراقلىق ئېگىر ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى. 20دىدانلىقلار ئېگەر-توقۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى. 21ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى. 22شىبا ۋە راماھنىڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلىرى، قىممەتلىك تاش ۋە ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى. 23خاران، كانېھ، ئەدەن، شىبا، ئاسسۇر ۋە كىلماد سودىگەرلىرى سەن بىلەن سودا قىلاتتى. 24ئۇلار ئېسىل كىيىم، كەشتىلەنگەن كۆك رەخت، پۇختا توقۇلغان نەپىس، رەڭگارەڭ گىلەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.

25تارشىشنىڭ كېمىلىرى ماللىرىڭنى توشۇيتتى.

سەن ئېغىر مال قاچىلانغان دېڭىزدىكى كېمىگە ئوخشايسەن.

26سەندىكى پالاقچىلار سېنى دېڭىز مەركىزىگىچە ئاپىرىدۇ،

لېكىن دېڭىزدا شەرق شامىلى سېنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.

27بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ

كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ،

لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.

28رولچىلىرىڭنىڭ ئازابلىق چۇقانلىرى دېڭىز ساھىللىرىنى لەرزىگە سالىدۇ.

29بارلىق پالاقچىلار كېمىلىرىنى تەرك ئېتىشىدۇ،

كېمىچىلىرى ۋە رولچىلىرىمۇ قىرغاققا چىقىشىدۇ.

30ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ،

باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.

31چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، ماتەملىك كىيىم كىيىشىدۇ،

قاتتىق يىغلىشىپ، ھەسرەت چېكىشىدۇ.

32ئۇلار نالە-پەرياد ئىچىدە سەن ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇشىدۇ

ۋە ساڭا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشىدۇ:

‹دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تىر شەھىرىگە ئوخشاش يەنە بىر شەھەر بارمىدى؟›

33ماللىرىڭ دېڭىز ئارقىلىق توشۇلۇپ،

نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغانىدى،

سەندىكى زور بايلىق ۋە تاۋارلار بىلەن پادىشاھلار باي بولغانىدى،

34ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى،

ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.

35سېنىڭ سەۋەبىڭدىن دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئالاقزادە بولۇشتى.

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى!

36سەن باشقا ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىڭ.

سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ، ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى