« ئەزەكىئەل »

10

پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىدىن ئايرىلىشى

1غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم. 2پەرۋەردىگار ھېلىقى زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن ئادەمگە:

_ سەن كېرۇبلارنىڭ ئاستىدا ئايلىنىۋاتقان چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئالىقىنىڭنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوغ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن چوغلارنى شەھەرگە چاچقىن، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم.

3ئۇ كىرگەن ۋاقتىدا، كېرۇبلار ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئىچكىرىكى ھويلا بۇلۇتقا تولغانىدى. 4بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى. 5ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.

6پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: «سەن كېرۇبلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوت ئالغىن» دەپ ئەمر قىلدى، ئۇ ئادەم كىرىپ، بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. 7بىر كېرۇب قولىنى كېرۇبلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئوت ئېلىپ، زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمنىڭ ئالقىنىغا قويدى. ئۇ ئادەم ئوتنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى. 8كېرۇبلارنىڭ قانىتىنىڭ ئاستىدا قول باردەك قىلاتتى.

9قارىسام، تۆت نەپەر كېرۇبنىڭ يانلىرىدا بىردىن چاق تۇرۇپتۇ. چاقلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. 10ھەممە چاق ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىدە يەنە بىردىن چاق بار ئىدى. 11كېرۇبلار تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى. باشتىكى چاق قاياققا ھەرىكەت قىلسا، قالغانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ ياققا ھەرىكەت قىلاتتى، بۇرۇلمايتتى. 12كېرۇبلارنىڭ بەدىنىنى، يەنى دۈمبىلىرى، قوللىرى ۋە قاناتلىرىنى كۆز قاپلىغانىدى، تۆت چاقلارمۇ شۇنداق ئىدى. 13مەن چاقلارنىڭ «ئايلىنىۋاتقان چاقلار» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. 14ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزىگە، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى.

15كېيىن بۇ كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار دەل مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلار ئىدى. 16كېرۇبلار ھەرىكەت قىلسا، يېنىدىكى چاقلارمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايتتى. 17كېرۇبلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلسە، چاقلارمۇ بىرلىكتە كۆتۈرۈلەتتى. چۈنكى بۇ مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.

18ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايرىلىپ، كېرۇبلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە توختىدى. 19مەن كېرۇبلارنىڭ قانىتىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، چاقلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا توختىدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى.

20بۇ مەخلۇقلارنى مەن كىبار قانىلى بويىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئاستىدا كۆرگەنىدىم. ئەمدى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئاشۇ كېرۇبلار ئىكەن. 21ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى، تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئادەمنىڭكىدەك قولى بار ئىدى. 22ئۇلارنىڭ يۈزلىرى مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇلار ئالدىغا قاراپ ئۇدۇللا ماڭاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى