« ئەزەكىئەل »

20

ئىسيانكار ئىسرائىل

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 7-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى* بىرقانچە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. 2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

3_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!»

4ئەي ئادەم بالىسى، كەلگەن ئادەملەرنى ئەيىبلە ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بەر. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى بىلدۈر. 5ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان كۈنى مىسىردا ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئايان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا قەسەم قىلغانىدىم. 6ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم. 7مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن› دېدىم. 8لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم. 9لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.

10شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، چۆللۈككە باشلاپ باردىم. 11ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ. 12مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم. 13لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم. 14لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ. 15ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم. 16چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى ۋە قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى. مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ بۇلغىدى، قەلبلىرىنى بۇتلارغا بەردى. 17شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى ئايىدىم، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىدىم، چۆللۈكتە پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىم.

18مەن چۆللۈكتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دورىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. 19مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ قانۇنۇمغا رىئايە قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 20مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم.

21لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم. 22لېكىن مەن بۇنداق قىلىشتىن قولۇمنى تارتتىم ۋە نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ. 23ئۇلار چۆلدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى ياقا يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىمەن، يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم. 24چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى، بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى، ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان بۇتلارغا مەپتۇن بولدى.‏ 25شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پايدىسىز قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا يول قويدۇم. 26مەن ئۇلارنى ئۆزلىرى سۇنغان ھەدىيىلىرى، يەنى تۇنجى ئوغۇللىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، كۆيدۈرۈشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بۇلغىشىغا يول قويدۇم. شۇ ئارقىلىق ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈردۈم.»

27ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، مېنى ھاقارەتلىدى. 28مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى. 29مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر بارىدىغان ئېگىزلىكىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟› دەپ سورىدىم.» (شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر «باماھ» [مەنىسى «ئېگىزلىك»] دەپ، ئاتالدى.)

30شۇڭا سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئوخشاش يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماقچىمۇ؟ 31سىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇتلارغا ھەدىيەلەرنى سۇنۇپ، بالىلىرىڭلارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەي ئىسرائىل خەلقى، شۇنداق ئىكەن، مەن سىلەرگە مەسلىھەت بېرەرمەنمۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىڭلارغا قەتئىي يول قويمايمەن.

32سىلەر باشقا ئەللەرگە، يەنى يات خەلقلەرگە ئوخشاش ياغاچ ۋە تاشلارغا چوقۇنساق، دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن سىلەرنىڭ بۇ خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 33مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. 34مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن ۋە يات ئەللەردىن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن يىغىمەن. 35سىلەرنى يات ئەللەرنىڭ چۆللۈكلىرىگە باشلاپ بېرىپ، يۈزمۇيۈز سوراق قىلىمەن. 36خۇددى مەن ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ چۆللۈكىدە سوراق قىلغانغا ئوخشاش، سىلەرنىمۇ سوراق قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 37مەن سىلەرنى تاياق ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرىمەن ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلدۇرىمەن. 38ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

39مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن. 40مەن دەيمەنكى، مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدىكى ئېگىز تاغدا بارلىق ئىسرائىللار ماڭا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ماڭا بېكىتىلگەن ھەدىيەلەرنى، ئېسىل سوۋغاتلارنى ۋە مۇقەددەس قۇربانلىقىڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئەمر قىلىمەن. 41سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن. 42مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان ئىسرائىل زېمىنىغا باشلاپ بارغاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 43سىلەر ئۇ يەردە، بۇرۇن قىلغان قىلمىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان ناپاك ئىشلارنى ئەسكە ئالىسىلەر ۋە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. 44ئەي ئىسرائىل خەلقى، نام-شەرىپىم ئۈچۈن سىلەرنى رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارغا لايىق جازالىمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

نەگېبتىكى ئوت

45پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

46_ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 47ۋە ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي نەگېبتىكى ئورمانلىق، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. مەن ساڭا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت سەندىكى بارلىق ياشىرىپ تۇرغان ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، بۇ ئوت جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ. 48شۇندىلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇ ئوتنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قويغانلىقىنى بىلىشىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ.»

49شۇ چاغدا مەن:

_ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 591 يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى