« ئەزەكىئەل »

35

پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم ئېلىنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىدومدىكى سەئىر تېغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سەئىر تېغى، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قولۇمنى كۆتۈرۈپ سېنى ئۇرىمەن، سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. 4شەھەرلىرىڭنى خارابىلىككە، سېنى بىر پارچە قاقاس يەرگە ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. 5سەن ئىسرائىللارغا بولغان كونا ئاداۋىتىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان، گۇناھى سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇلارنى قىلىچ ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ. 6شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ قېنىڭنى تۆكىمەن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ 7مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن ھەرقانداق ئادەمنى يوقىتىمەن. 8مەن سېنى ۋە ئەتراپىڭدىكى تاغلارنى جەسەتلەرگە تولدۇرىمەن. ئېدىر، جىلغا ۋە جىرالىرىڭ قىلىچتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولىدۇ. 9سېنى مەڭگۈلۈك قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، شەھەرلىرىڭ ئادەمسىز قالىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

10ئەي ئىدوم، گەرچە مەن ئۇ يەردە بولساممۇ، بۇرۇن سەن: ‹يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىزگە تەۋە بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز› دېگەنىدىڭ. 11شۇڭا مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۇلارغا قىلغان غەزىپىڭ، ھەسىتىڭ ۋە نەپرىتىڭگە لايىق جازالايمەن. مەن سېنى سوراق قىلىپ، ئۆزۈمنى ئىسرائىللارغا تونۇتىمەن. 12سېنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا قىلغان ھاقارەتلىرىڭنى مېنىڭ ئاڭلىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن: ‹بۇ تاغلار قاقاسلاشتى، ئەمدى بىزگە يەم بولىدۇ› دېگەنىدىڭ. 13سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. 14مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغاندا، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىدۇ. 15ئىسرائىل زېمىنى قاقاسلىققا ئايلانغاندا سەن خۇشال بولدۇڭ، شۇڭا سېنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. ئەي سەئىر تېغى، ئەي پۈتۈن ئىدوم زېمىنى، سىلەر قاقاسلىققا ئايلىنىسىلەر. شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى