« ئەزەكىئەل »

7

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈگىشىدىغان كۈنى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەيمەن: «تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭ كەلدى، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى كەلدى! 3ئەي ئىسرائىل زېمىنى، تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، ساڭا غەزەپ قىلىمەن. مەن تۇتقان يولۇڭ ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، سېنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن سېنى جازالايمەن. 4مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا ئىچ ئاغرىتمايمەن، سېنى تۇتقان يولۇڭ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن جازالايمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»

5مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «قارا، ئاپەت كەلمەكتە، ئاپەتلەر كەينى-كەينىدىن كەلمەكتە. 6تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، سېنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى! ئۇ ئويغاندى، مانا، بالايىئاپەت كەلدى! 7ئەي ئىسرائىل زېمىنىدا ياشاۋاتقانلار، ھالاك بولىسىلەر! ۋاقتىڭلار توشتى، كۈنۈڭلار تۈگىدى، ئەمدى تاغلاردا خۇشاللىق ئورنىغا داد-پەرياد چۇقانلىرى ئاڭلىنىدۇ. 8سىلەرگە ئەمدى غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار سەۋەبلىك سوراققا تارتىمەن ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. 9ئەمدى مەن سىلەرنى ئاياپ قويمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن. سىلەر تۇتقان يولۇڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالىنىسىلەر. شۇندىلا سىلەر، سىلەرنى جازالىغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

10قاراڭلار، ئاپەت كۈنى كەلدى، سىلەرنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى! زوراۋانلىق ۋە مەغرۇرلۇق چېچەكلىمەكتە. 11زوراۋانلىق رەزىللەرنى ساۋايدىغان بىر تاياققا ئايلاندى. ئىسرائىللاردىن بىرسىمۇ ئامان قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقى ۋە شان-شەرىپىمۇ يوقىلىدۇ. 12ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 13ئۆز يەرلىرىنى ساتقۇچىلار ھايات قالسىمۇ، لېكىن ساتقان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن خەلق ھەققىدە بېرىلگەن بۇ بېشارەت چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلار گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ھاياتلىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. 14گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.

15شەھەر سىرتىدا ئۇرۇش، شەھەر ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق بولىدۇ. شەھەر سىرتىدىكىلەر قىلىچتا، شەھەر ئىچىدىكىلەر ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ. 16ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ. 17ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ مادارى قالمايدۇ، قورققانلىرىدىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. 18ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، لاغىلداپ تىترەيدۇ، نومۇس تۇيغۇسى يۈزىنى قاپلايدۇ، ھازا تۇتۇشۇپ، چاچلىرىنى چۈشۈرۈشىدۇ. 19كۈمۈشلەر كوچىلارغا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئالتۇنلار ناپاك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار غەزىپىنى ياغدۇرغان كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، قورسىقىنى تويدۇرالمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇردى. 20ئۇلار گۈزەل بېزەك بۇيۇملىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇلاردىن يىرگىنچلىك بۇتلارنى ياساشقانىدى. شۇڭا مەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ناپاك نەرسىگە ئايلاندۇرىمەن. 21مەن بۇ نەرسىلەرنى يات خەلقلەرنىڭ غەنىيمىتىگە، رەزىللەرنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ بۇ مال-مۈلكىنى ناپاك قىلىدۇ. 22مەن خەلقىمدىن يۈز ئۆرۈيمەن. شۇنىڭ بىلەن يات خەلقلەر مېنىڭ قەدىرلىك يېرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ۋە قاراقچىلار ئۇنىڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى بۇلغايدۇ.

23خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى. 24مەن ئەڭ رەزىل يات خەلقلەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار خەلقىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەن چوقۇم ئىسرائىل ھوقۇقدارلىرىنىڭ مەغرۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەجدىگاھلىرى دەپسەندە بولىدۇ. 25ۋەھىمىلىك كۈن كېلىدۇ، خەلقىم ئامانلىق ئىستەيدۇ، لېكىن ئامانلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. 26ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ. 27پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، يېتەكچىلىرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ قوللىرى تىترەيدۇ. مەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا لايىق جازالايمەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقارغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى