« ئەزەكىئەل »

40

ئەزەكىئەلنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلىشى

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 25-يىلى، يەنى يېرۇسالېم قولدىن كەتكەنلىكىنىڭ 14-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى* پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. 2غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى. 3ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى. 4ئۇ ئادەم ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا كۆرسەتمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە سىنچىلاپ قارا، دىققىتىڭنى بەر، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. شۇ سەۋەبتىن، سەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭنى ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈز، _ دېدى.

5قارىسام، ئەتراپىدا ھويلا تېمى بار بىر ئىبادەتخانا بار ئىكەن. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەم تايىقى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر، ئېگىزلىكىمۇ 3 مېتىر ئىدى.

ئىبادەتخانا تاشقىرىقى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى

6ئۇ ئادەم مېنى دەرۋازا ئالدىغا باشلاپ كەلدى، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، كىرىش ئېغىزى ئالدىغا كەلدى ۋە كىرىش ئېغىزىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئىدى. 7دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن بىر كارىدور بولۇپ، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاراۋۇلخانىلار بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىردىن بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئارىلىقىدىكى تاملارنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. قاراۋۇلخانىلاردىن كېيىن، كارىدورنىڭ ئاخىرىدا بىر خانا بولۇپ، ئاخىرقى قاراۋۇلخانىدىن بۇ خانىغىچە بولغان تامنىڭ قېلىنلىقىمۇ 3 مېتىر ئىدى. 8ئۇ ئادەم بۇ خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، 9ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر ئىدى. تاشقىرىقى ھويلىغا تۇتىشىدىغان چىقىش ئېغىزىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىر بولۇپ، بۇ چىقىش ئېغىزى ئىبادەتخانىغا قاراپ تۇراتتى. 10كارىدوردىكى ئالتە قاراۋۇلخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرغان تاملارنىڭ قېلىنلىقىمۇ ئوخشاش ئىدى. 11ئاندىن چىقىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى 5 مېتىر ئىدى، كارىدورنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر ئىدى. 12ئىككى تەرەپتىكى قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ كىرىپ چىقىش ئېغىزىدىن باشقا يەرلىرى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى پاكار تاملار بىلەن توسۇلغانىدى. قاراۋۇلخانىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 3 مېتىر بولۇپ، تۆت چاسا ئىدى. 13ئۇ ئادەم يەنە دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كەڭلىكىنى تورۇستىن ئۆلچىدى. بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ئىككى قاراۋۇلخانىنىڭ ئارقا تاملىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 14ئۇ ئادەم ئىمارەتنىڭ خانىسىنى ئۆلچىدى، ئۇ 30 مېتىر ئىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاشقىرىقى ھويلا ئوراپ تۇراتتى. 15دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى. 16قاراۋۇلخانىلاردا ۋە خانىدا پەنجىرىلەر بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.

تاشقىرىقى ھويلا

17ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىغا باشلاپ كىردى. تاشقىرىقى ھويلىنىڭ تاملىرىنى بويلاپ، ئوتتۇز ئېغىز ئۆي سېلىنغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا تاش ياتقۇزۇلغان يول بار ئىدى. 18بۇ يول ۋە تاشقىرىقى ھويلا ئوخشاشلا ئىچكىرىكى ھويلىدىن پەس ئىدى. ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدىن تاش ياتقۇزۇلغان يولنىڭ يەنە بىر قىرىغىچە بولغان ئارىلىق دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ كېلەتتى. 19دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا چىقىدىغان ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان يەنە بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم بۇ ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىدى، بۇ ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.

شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

20ئۇ ئادەم يەنە شىمالىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى. 21بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كارىدورىنىڭمۇ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە ئۈچتىن قاراۋۇلخانا بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 22دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بولۇپ، خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم تاملارغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا ۋە ئۇنىڭدىكى پەنجىرىلەر ھەم ئۇنىڭغا نەقىشلەنگەن خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. 23خۇددى شەرقىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتىگە ئوخشاش شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگىمۇ ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىدىغان ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ ئۆلچىدى، ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.

جەنۇبىي تاشقىرىقى دەرۋازا ئىمارىتى

24ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى تاشقىرىقى ھويلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە باشلاپ باردى، ئۇ يەردىمۇ بىر دەرۋازا ئىمارىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتىكى خانىنى ۋە چىقىش ئېغىزىدىكى تامنى ئۆلچىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 25كارىدور ۋە كارىدوردىكى خانىنىڭ پەنجىرىلىرىمۇ باشقا ئىككى دەرۋازا ئىمارەتلىرىدىكى پەنجىرىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 26ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ يەتتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. خانا كارىدورنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقانىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. 27بۇ دەرۋازا ئىمارىتىمۇ ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى. ئىككى دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئارىلىقى 50 مېتىر ئىدى.

ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارەتلىرى

28ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىچكىرىكى ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىمۇ ئۆلچىدى. بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 29-30كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 31دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

32ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىچكىرىكى ھويلا ئارقىلىق شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 33كارىدوردىكى قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ باشقىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 34دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

35ئۇ ئادەم مېنى يەنە شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ باردى ۋە ئۇنى ئۆلچىدى. ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 36قاراۋۇلخانىلار، ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملار ۋە كارىدوردىكى خانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ باشقىلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قاراۋۇلخانىلار ۋە خانىدىمۇ پەنجىرىلەر بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12.5 مېتىر ئىدى. 37دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.

قۇربانلىقلارنى پاكىزلاش ئۆيى

38ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى. 39ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىدىن تۆت ئۈستەل بار ئىدى. بۇ ئۈستەللەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى بوغۇزلىناتتى. 40مۇشۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىمۇ ئىككىدىن جەمئىي تۆت ئۈستەل بار ئىدى. 41دېمەك، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا تۆتتىن جەمئىي سەككىز ئۈستەل بار بولۇپ، بۇلار قۇربانلىقلار بوغۇزلانغاندا ئىشلىتىلەتتى. 42كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆت ئۈستەل تاشتىن يونۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 75 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇلارغا كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارمۇ قويۇلاتتى. 43قالغان تۆتىگە قۇربانلىق گۆشلەر قويۇلاتتى. خانىنىڭ تاملىرىغا 7 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قوش ئىلمەكلەر قېقىلغانىدى.

روھانىيلارنىڭ ئۆيلىرى

44ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ يانلىرىدا بىردىن ئۆي بولۇپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى جەنۇبقا، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى شىمالغا قارايتتى. 45ئۇ ئادەم ماڭا:

_ ئالدى جەنۇبقا قارايدىغان ئۆي ئىبادەتخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن، 46ئالدى شىمالغا قارايدىغان ئۆي قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن سېلىنغاندۇر. بۇ روھانىيلار زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. لاۋىيلاردىن پەقەت زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىلا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا لايىقتۇر، _ دېدى.

ئىچكىرىكى ھويلا ۋە ئىبادەتخانا

47ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى ھويلىنى ئۆلچىدى. ھويلا تۆت چاسا بولۇپ، ھەربىر تەرىپى 50 مېتىردىن ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى.

48-49ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ئون پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن تۈۋرۈك بار ئىدى. ئۇ ئادەم كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. بۇ تاملارنىڭ قېلىنلىقى 5‏.2 مېتىر، كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 7 مېتىر، ئىككى تەرەپتىكى تاملارنىڭ كەڭلىكى 1.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، تاشقىرىقى خانىنىڭ كەڭلىكى جەمئىي 10 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر ئىدى.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 573-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى