« ئەزەكىئەل »

47

ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققان ھاياتلىق دەرياسى

1ئۇ ئادەم يەنە مېنى ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. قارىسام، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئاستىدىن بىر بۇلاق چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى بىلەن شەرققە قاراپ ئېقىۋېتىپتۇ. 2ئاندىن ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىنىڭ سىرتى بىلەن شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە ئېلىپ كەلدى. سۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن سىرغىپ چىقىۋاتاتتى. 3ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى. 4ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ تىزىمغا كەلدى. ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ بېلىمگە كەلدى. 5ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى. سۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كېچىپ ماڭغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئۈزگىلى بولىدىغان بىر دەرياغا ئايلانغانىدى. 6ئۇ ئادەم ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆرگەنلىرىڭنى ئېسىڭدە تۇت! _ دېدى ۋە مېنى دەريا قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. 7مەن دەريا قىرغىقىغا چىققان ھامان دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ دەرەخلەرگە تولغانلىقىنى كۆردۈم. 8ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ تۇزلۇق سۈيى تاتلىق سۇغا ئايلىنىدۇ. 9تۇزلۇق سۇلار تاتلىق سۇلارغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريا قەيەرگە ئېقىپ بارسا، شۇ يەردە ھاياتلىق بولىدۇ، جانلىقلار كۆپىيىدۇ، بېلىقلار ناھايىتى مول بولىدۇ. 10بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ. 11لېكىن ئەتراپىدىكى سازلىقلار ۋە كۆلچەكلەر ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇلار تۇز مەنبەسى بولىدۇ. 12دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.

ئىسرائىل زېمىنىنىڭ چېگرالىرى

13ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن، 14قالغانلىرى بىر ئۈلۈشتىن ئالسۇن. مەن بۇ يەرلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. بۇ يەرلەر سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولىدۇ.

15تۆۋەندىكىلەر زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرىدۇر:

شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق زىداد شەھىرىگىچە داۋاملىشىدۇ. 16ئۇنىڭدىن كېيىن بېروتاغا، ئاندىن دەمەشق بىلەن خامات ئوتتۇرىسىدىكى سىبرايىم شەھىرىگە بېرىپ، خاۋران چېگراسىدىكى خازېر-ھاتتىكوندىن ئۆتىدۇ. 17شۇنداق قىلىپ، شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، شەرقتىكى خازار-ئېنان شەھىرىگىچە بارىدۇ. خازار-ئېنان شەھىرى دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاندۇر.

18شەرقىي چېگرايىڭلار خاۋران ۋە دەمەشق ئارىسىدىكى يەردىن باشلىنىپ، گىلئاد بىلەن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆلۈك دېڭىزدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى تامار شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ شەرقىي چېگرايىڭلاردۇر.

19جەنۇبىي چېگرايىڭلار تامار شەھىرىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە سوزۇلۇپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە بارىدۇ. كېيىن مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى پاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي چېگرايىڭلاردۇر.

20غەربىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ، شىمالىي چېگرايىڭلار باشلانغان يەرگىچە، يەنى لىبو-خاماتنىڭ غەربىگىچە سوزۇلىدۇ.

21بۇ زېمىننى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بېرىڭلار. 22بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار. 23ئۇلار قايسى قەبىلە بىلەن بىرگە ياشىسا، ئۇلارغا شۇ قەبىلىگە تەۋە يەرلەردىن بۆلۈپ بېرىڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى