« ئەزەكىئەل »

32

مىسىر پادىشاھى ھەققىدىكى مەرسىيە

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز:

«شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا،

ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا.

سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى،

پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.

3ئىگەڭ پەرۋەردىگار دەيدۇكى،

ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن نۇرغۇن خەلقلەرنى،

تور تاشلاپ، تۇتۇپ چىقار ئۇلار سېنى.

4سېنى تاشلاپ يەرگە، ئېتىپ دالاغا،

قوندۇرىمەن قۇشلارنى ئۈستۈڭگە،

يەم بولىسەن زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا.

5ئۆلۈكۈڭ تاغ ئارىسىدا قالىدۇ،

جەسىتىڭ جىلغىلارنى قاپلايدۇ.

6زېمىننى سۇغىرىمەن قېنىڭدا،

تاغلار، جىرالار قالار ئاستىدا.

7مەن سېنى يوقاتقاندا،

ئاسماننى يېپىپ،

نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى.

بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى،

چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.

8توسىمەن كۆكتە پارلىغان بارلىق نۇرنى،

قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرىمەن زېمىنىڭنى،

ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى.

9مەن سېنى ۋەيران قىلغاندا، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ، ھەتتا سېنى تونۇمايدىغان خەلقلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە غەم چۈشىدۇ. 10بېشىڭغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ھەيران قالىدۇ. قىلىچىمنى پۇلاڭلاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن پادىشاھلار قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. سەن گۇمران بولغان كۈنى ئۇلار جانلىرىدىن ئەنسىرىشىپ تىترىشىدۇ. 11مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.

12مەن قوشۇنۇڭنى يات خەلقلەرنىڭ،

يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىي لەشكەرلەرنىڭ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈشىگە يول قويىمەن.

لەشكەرلەر مىسىرلىقلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ،

مىسىرنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ.

13ئۆلتۈرىمەن ئۇنىڭ سۇلار بويىدىكى پۈتۈن پادىلىرىنى،

ئادەملەرنىڭ پۇتلىرى، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى ئەمدى قوچۇپ، لېيىتالمايدۇ دەريا سۈيىنى.

14ئاندىن مەن مىسىرنىڭ دەريالىرىنىڭ سۈيىنى تىندۇرۇپ سۈزۈك قىلىمەن،

ئۇ ئاستا ئاقىدۇ خۇددى زەيتۇن يېغىدەك.

ئىگەڭ پەرۋەردىگار دېدىم بۇنى.

15قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن مىسىر تۇپراقلىرىنى،

يوق قىلىمەن ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى،

قىرىپ تاشلايمەن ئاھالىلىرىنى.

شۇندىلا ئۇلار پەرۋەردىگار دەپ بىلىدۇ مېنى.›

16بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولغانلار

17شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل. 19مىسىرغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر، سەن ئۆزۈڭنى ھەممىدىن گۈزەل دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگە بولىسەن!» 20مىسىر قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. قىلىچ غىلاپتىن چىقتى، مىسىر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ. 21ئۆلگەن باتۇر سەركەردىلەر ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەققىدە: «بۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچتا ئۆلگەن خەتنىسىزلەر بىلەن بىر يەردە بولدى» دەيدۇ.

22ئاسسۇرلارمۇ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر. 23ئۇلارنىڭ جايى ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىدۇر. تۆت ئەتراپى ئاسسۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئاخىر بېرىپ، ئۆزلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلدى.

24ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا. 25ئېلام ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا بىر تۆشەك تەييارلاندى. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.

26مەشەك ۋە تۇبالمۇ ئۇ يەردىدۇر. ئۇلارنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلارمۇ ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى. 27بۇرۇنقى زامانلاردا باتۇرلار ئۆلسە، دەپنە قىلىنغاندا قىلىچلىرى ياستۇق، قالقانلىرى يېپىنچا قىلىناتتى. لېكىن مەشەك ۋە تۇباللار شەرەپ بىلەن دەپنە قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى.

28ئەي پىرئەۋن، سەنمۇ ھالاك بولىسەن، ئاشۇ خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە ياتىسەن.

29ئىدوممۇ پادىشاھلىرى ۋە شاھزادىلىرى بىلەن بىرگە ئۇ يەردىدۇر. ئۇلار بەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا گۆردىكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگىدۇر.

30شىمالدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە سىدونلۇقلارمۇ ئۇ يەردىدۇر. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ۋەھىمە سالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالغان ھالدا گۆردە ياتماقتا.

31مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى پەقەت ئۆزىنىڭ قوشۇنىنىڭلا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بەلكى باشقىلارنىڭ قوشۇنىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تەسەللى تاپىدۇ. 32پىرئەۋن ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خەتنە قىلىنمىغان ۋە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*17مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى