« ئەزەكىئەل »

29

مىسىرغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 10-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن مىسىر خەلقىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي مىسىر پىرئەۋنى،

سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇق سەن،

مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.

سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.

4لېكىن مەن ئىلمەك بىلەن جاۋىغايلىرىڭدىن ئېلىپ،

دەريادىكى بېلىقلارنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرىمەن.

ئاندىن سېنى قاسراقلىرىڭغا چاپلاشقان بېلىقلار بىلەن بىرگە دەريادىن يۇلۇپ ئېلىپ،

5چۆلگە تاشلايمەن.

ئۆلۈكۈڭ دالادا قالىدۇ، ھېچكىم سېنى ئېلىپ كېلىپ كۆممەيدۇ.

مەن سېنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قۇشلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.

6شۇندىلا بارلىق مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

سەن بىر تۈپ قومۇشقا ئوخشاش ئىسرائىل خەلقىگە يۆلەنچۈك بولالمىدىڭ. 7ئۇلار سېنى تايىنىدىغان تاياق قىلغاندا، سەن يېرىلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ قولتۇقىنى تىلىۋەتتىڭ. ئۇلار ساڭا يۆلەنگەندە، سەن سۇنۇپ كەتتىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بېلى چىم بولۇپ كەتتى.

8شۇڭا مەن دەيمەنكى، قىلىچىمنى ساڭا شىلتىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلىرىڭنى يوقىتىمەن. 9مىسىر بىر پارچە قاقاس زېمىنغا ئايلىنىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن، 10ساڭا ۋە دەريا ئېقىنلىرىڭغا قارشى تۇرىمەن. مىسىرنىڭ مىگدول شەھىرىدىن تارتىپ ئاسۋان شەھىرىگىچە ۋە كۇشنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان زېمىنىنى پۈتۈنلەي قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. 11بۇ يەرگە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاياغ باسمايدۇ. قىرىق يىلغىچە بۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ. 12مەن مىسىرنى چۆللەرنىڭ چۆلىگە، شەھەرلىرىنى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلاندۇرىمەن، بۇ ھالەت قىرىق يىل داۋاملىشىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن.

13لېكىن مەن يەنە دەيمەنكى، قىرىق يىلدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن مىسىرلىقلارنى يىغىمەن. 14تۇتقۇن بولغانلىرىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا، يەنى مىسىرنىڭ جەنۇبىغا كېلىشىگە يول قويىمەن. ئۇلار ئۇ يەردە ئاجىز بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ. 15بۇ پادىشاھلىق ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىر پادىشاھلىق بولىدۇ، ھېچقاچان باشقا ئەللەردىن ئۈستىدىن بولالمايدۇ. مەن ئۇنى شۇنچىلىك ئاجىز قىلىمەنكى، ئۇ باشقا ئەللەرگە قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ 16مىسىر ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولالمايدۇ، ئەكسىچە مىسىر ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان چاغدىكى گۇناھىنى ئەسلىتىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرنى بويسۇندۇرۇشى

17سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 27-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* ، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى. 19شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ. 20بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن مىسىرنى ئۇنىڭغا ھەق سۈپىتىدە بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

21ئۇ چاغ كەلگەندە مەن ئىسرائىل خەلقىنى كۈچلەندۈرىمەن. ئىسرائىل خەلقى سەن ئەزەكىئەلنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*17مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 571-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى