« ئەزەكىئەل »

37

قۇرۇغان ئۇستىخانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى

1پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى غايىبانە ئالامەت ئىچىدە بىر تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ باردى. تۈزلەڭلىك ئۇستىخانلارغا تولۇپ كەتكەنىدى. 2ئۇ مېنى ئاشۇ ئۇستىخانلارنىڭ ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ يۈردى. ئۇ يەردە قۇرۇپ كەتكەن ئۇستىخانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. 3پەرۋەردىگار مەندىن:

_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئۇستىخانلارنىڭ تىرىلىشى مۇمكىنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، بۇنى پەقەت سەنلا بىلىسەن، _ دېدىم.

4پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن بۇ ئۇستىخانلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي قۇرۇپ كەتكەن ئۇستىخانلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 5مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە نەپەس بېرىمەن، سىلەر تىرىلىسىلەر. 6ئۈستۈڭلارغا پەي ۋە گۆش قوندۇرىمەن، تېرە قاپلايمەن. سىلەرگە نەپەس پۈۋلەيمەن، سىلەر تىرىلىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

7مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ۋەھىي يەتكۈزدۈم. ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا ئۇستىخانلارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. 8قارىسام، ئۇستىخانلارنىڭ ئۈستىگە پەي ۋە گۆش قونۇپ، تېرىلەر قاپلىنىپتۇ، پەقەت نەپىسى يوق ئىدى. 9پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن شامالغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي شامال، تۆت تەرەپتىن ئەسكىن، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرگە نەپەس پۈۋلەپ، ئۇلارنى تىرىلدۈرگىن.» 10مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۈم. نەپەس ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىردى، ئۇلار تىرىلدى ھەمدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئىنتايىن چوڭ بىر جامائەت بولدى.

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى بۇ ئۇستىخانلارغا ئوخشايدۇ. ھازىر ئىسرائىللار: «ئۇستىخانلىرىمىز قۇرۇپ، ئۈمىدىمىز ئۆچۈپ، پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق» دېيىشىدۇ. 12شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى قەبرەڭلاردىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كېتىمەن. 13ئەي خەلقىم، سىلەرنى قەبرەڭلاردىن ئېلىپ چىققىنىمدا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 14مەن روھىمنى پۈۋلەپ، سىلەرنى تىرىلدۈرىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر بۇلارنى مېنىڭ دېگەنلىكىمنى ۋە دېگىنىمنى قىلىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى

15پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

16_ ئەي ئادەم بالىسى، قولۇڭغا بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيە پادىشاھلىقىدىكى قەبىلىلەر دەپ ياز. ئاندىن يەنە بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىكى باشقا قەبىلىلەر دەپ ياز. 17ئاندىن بۇ ئىككى تاياقنى بىر قولۇڭدا تۇتقىنكى، ئۇلار بىر تاياقتەك كۆرۈنسۇن. 18خەلق: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە، بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟» دەپ سورىسا، 19ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىكى باشقا قەبىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تاياق بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇلارنى بىر تاياق قىلىمەن، ئۇلار قولۇمدا بىر بولىدۇ.»

20سەن خەت يېزىلغان بۇ ئىككى تاياقنى خەلققە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، 21ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تارقىلىپ كەتكەن ئەللەردىن يىغىمەن ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 22مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇپرىقى، يەنى تاغلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ، بىر خەلق قىلىمەن. ئۇلارنى بىرلا پادىشاھ باشقۇرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پادىشاھلىققا پارچىلانمايدۇ. 23ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمايدۇ. ئۇلارنى مەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىدەك گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ پاكلايمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.

24خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ. 25ئۇلار مەن خىزمەتكارىم بولغان ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىندا، يەنى ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىندا خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ، خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. 26مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، ئۇلارنى روناق تاپقۇزىمەن ۋە سانىنى كۆپەيتىمەن. مېنىڭ ئىبادەتخانام مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. 27مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان تۇتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 28ئىبادەتخانامنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەڭگۈلۈك قۇرغان ۋاقتىمدا، جاھاندىكى ئەللەر ئىسرائىللارنى مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى