« ئەزەكىئەل »

31

مىسىرنىڭ ئاقىۋىتىگە قىلىنغان تەمسىل

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق دەپ ئېيت:

«ئەي پىرئەۋن، بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭ كېلىدىغان كىم بار؟

3ئاسسۇرىيەگە قارا، ئاسسۇرلارمۇ لىۋاندىكى بىر تۈپ كېدىر دەرىخىدەك ئىدى،

ئۇنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ئەتراپىغا سايە تاشلايتتى،

ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشقانىدى.

4سۇلار ئۇنى سۇغىراتتى،

يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سۇلار ئۇنى ئېگىز ئۆستۈرەتتى.

ئۇ كېدىر دەرىخى تۇرغان جايدا ئېقىنلار ئاقاتتى،

ئۆستەڭدىكى سۇلار دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگە ئېقىپ كىرەتتى.

5شۇڭا ئۇ دالادىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز ئۆسكەنىدى.

ئۇنىڭ شاخلىرى توم ھەم ئۇزۇن ئىدى،

چۈنكى سۇ مەنبەسى مول ئىدى.

6قۇشلار شاخلىرىغا ئۇۋا سالاتتى،

دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا ئەۋلاد قالدۇراتتى،

ھەممە بۈيۈك ئەللەر ئۇنىڭ سايىسىدا ياشايتتى.

7ئۇ باراقسان ۋە گۈزەل بولۇپ، شاخلىرى كەڭ يېيىلغانىدى.

ئۇ يەر ئاستىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، مول سۇ مەنبەسىگە تۇتاشقانىدى.

8ھەتتا ئېرەم بېغىمدىكى كېدىر دەرەخلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.

قارىغاي ۋە چىنارلارمۇ ئۇنىڭ شاخلىرىغا تەڭ كېلەلمەيتتى.

ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭدەك گۈزەل ئەمەس ئىدى.

9مەن ئۇنى بۈك-باراقسان ئۆستۈرۈپ، گۈزەللەشتۈردۈم.

ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى.

10شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق قىلدىم: ‹ئۇ دەرەخ ئېگىز ئۆسۈپ، بۇلۇتقا تاقىشىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 11ئۇنى ئەڭ كۈچلۈك ئەلنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. بۇ ھۆكۈمران ئۇنى رەزىللىكىگە لايىق جازالايدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم. 12يات خەلقلەر، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىرى ئۇنى كېسىپ، تاشلىدى. ئۇنىڭ سۇندۇرۇلغان شاخلىرى تاغلارغا ۋە جىلغىلارغا تاشلاندى، سۇنغان پارچىلىرى جىرالارغا چېچىلدى. ئۇنىڭ سايىسىدا ياشىغان پۈتۈن خەلقلەر ئۇ يەرنى تەرك ئەتتى. 13قۇشلار كېسىلىپ يەردە ياتقان دەرەخ غولىغا قونسا، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ماكان قىلدى. 14بۇنىڭدىن كېيىن، سۇ ياقىسىدىكى باشقا دەرەخلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇتقا تاقاشقۇدەك ئېگىز ئۆسمەيدۇ. سۇ مەنبەسى تولۇق بولغان دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭدەك يوغىنىمايدۇ، ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇپ، گۆرگە بەند بولىدۇ.›

15مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق قىلدىم: ‹ئاشۇ بىر تۈپ كېدىر دەرىخى ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند بولغان كۈنى، مەن دەريا ئېقىنلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتقۇزدۇم. چۈنكى مەن ئۇنى سۇغارغان سۇ مەنبەلىرىنى توختاتقانىدىم. لىۋاننى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلدىم، دالادىكى پۈتۈن دەرەخلەرنى قۇرۇتتۇم. 16مېنىڭ ئۇ كېدىر دەرىخىنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند قىلغانلىقىمنى باشقا ئەللەر ئاڭلاپ، قورقۇپ، تىترىشىپ كەتتى. ئىلگىرى ئېرەم باغ ۋە لىۋاندىكى چېغىدا تولۇق سۇغۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆلۈكلەر ماكانىغا كەلگەنلىكىدىن تەسەللى تېپىشتى. 17ئاشۇ كېدىر دەرىخىنىڭ سايىسىدا ياشىغانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.

18ئەي پىرئەۋن، سېنى ئېرەم باغدىكى قايسى دەرەخكە ئوخشىتاي؟ سەن بەرىبىر ئېرەم باغدىكى دەرەخلەرگە ئوخشاش ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسەن! مانا بۇ سېنىڭ ۋە قوشۇنلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى.› بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587 يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى