« ئەزەكىئەل »

44

شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىپ چىقىشقا چەكلىنىشى

1ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىدىن تاشقىرىقى ھويلىدىكى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئىشىكى تاقاق ئىدى.

2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشىك دائىم تاقاق تۇرسۇن، ھېچكىم ئاچمىسۇن، ھېچكىم ئۇ يەردىن كىرمىسۇن. چۈنكى بۇ ئىشىكتىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا كىرگەندۇرمەن. بۇ ئىشىك تاقاق تۇرسۇن. 3ئەمما پەقەت پادىشاھلا بۇ دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانىدا ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا مۇقەددەس تائاملاردىن يېسە بولىدۇ. پادىشاھ بۇ خانىغا باشقا دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلا بىلەن كىرسۇن ۋە شۇ يەر بىلەن چىقىپ كەتسۇن.

روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ شەرتلىرى

4ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى قايتىدىن ئىچكىرىكى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولۇپتۇ. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم. 5پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قانداق كىشىلەرنىڭ كىرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىل. 6ئاندىن ئاشۇ ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەمدى يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى توختىتىڭلار! 7سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار. 8ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»

9مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەر مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرمىسۇن. 10ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇتقا تېۋىنغان ۋاقىتلاردا، لاۋىيلار مەندىن يىراقلاشتى. شۇڭا ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 11ئۇلار ئىبادەتخانامدا دەرۋازىۋەنلىك، جامائەت ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى بوغۇزلاش قاتارلىق ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ. 12لېكىن ئۇلار بۇتقا چوقۇنغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇرغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ. 13ئۇلارنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشىغا ۋە مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ياكى ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارغا قول تەگكۈزۈشىگە يول قويمايمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلسۇن. 14لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئىبادەتخانامنى قوغداش ۋە ئىبادەتخانامدىكى ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىشقا قويىمەن.

روھانىيلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەر

15ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ. 16پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خىزمىتىمنى قىلسا ۋە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

17ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرگەندە، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيسۇن. ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ۋە ئىبادەتخانامدا خىزمىتىمنى قىلغاندا، قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم كىيمىسۇن. 18بېشىغا زىغىر رەختتىن قىلىنغان سەللە يۆگىسۇن، زىغىر رەختتىن قىلىنغان تامبال كىيسۇن، ئادەمنى ئاسان تەرلىتىدىغان كىيىم كىيمىسۇن. 19ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ خەلققە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنالايدۇ.

20ئۇلار چېچىنى چۈشۈرمىسۇن ياكى ئۇزۇن قويمىسۇن، پەقەت چېچىنى ياساتسۇن.

21روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شاراب ئىچمىسۇن.

22ئۇلار تۇل ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. پەقەت ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئىپپەتلىك قىزلارنى ياكى روھانىيلاردىن تۇل قالغان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالسا بولىدۇ.

23ئۇلار مېنىڭ خەلقىمگە نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئۆگەتسۇن، نېمىنىڭ پاك ياكى نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسۇن.

24ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە بارلىق ھېيت-بايراملارغا ۋە مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلسۇن.

25روھانىيلار مېيىتكە يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ مېيىتىغا يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ. 26ناپاك بولغان روھانىيلار پاكلانغاندىن كېيىن، يەنە يەتتە كۈن كۈتسۇن. 27ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ، مۇقەددەس جايدىكى خىزمىتىنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرى ئۈچۈن پاكلىنىش قۇربانلىقى سۇنسۇن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

28روھانىيلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق زېمىن مۈلۈك قىلىپ بېرىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى ۋە نېسىۋىسى مەندۇرمەن. 29ئىسرائىللار سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەسى، پاكلىنىش ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ئاتىغانلىرى ئۇلارغا تەۋەدۇر. 30تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.

31روھانىيلار مەيلى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان ياكى قۇش بولسۇن، ھېچقايسىسىنى يېمىسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى