« ئەزەكىئەل »

26

تىر خەلقىگە قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى مەلۇم بىر ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ. 3شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، ساڭا قارشى تۇرىمەن، نۇرغۇن ئەللەرنى ساڭا قارشى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئاتلاندۇرىمەن. 4ئۇلار سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، مۇنارلىرىڭنى يىقىتىدۇ. مەن خارابىلىرىڭنىمۇ پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئورنىدا پەقەت ئەسلىدىكى قورام تاشلا قالىدۇ. 5مەن شۇنداق دەپ جاكارلايمەنكى، سېنىڭ دېڭىزدىكى ئارىلىڭ بېلىقچىلار تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. سەن نۇرغۇن ئەللەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن ۋە 6قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان خەلقىڭ قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىنىدۇ. شۇندىلا خەلقىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

7مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چەۋەندازلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنى بىلەن شىمالدىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. 8ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. 9ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن سېپىللىرىڭغا زەربە بېرىدۇ، قوراللار بىلەن مۇنارلىرىڭنى بۇزىدۇ. 10ئۇنىڭ ئاتلىرى شۇنچە كۆپكى، سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزاننىڭ ئاستىدا قالىسەن. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن سېپىلىڭنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن باستۇرۇپ كىرىدۇ. سېپىللىرىڭ ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدىن لەرزىگە كېلىدۇ. 11جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ. ئۇ قىلىچى بىلەن خەلقىڭنى ئۆلتۈرىدۇ، مەزمۇت تۈۋرۈكلىرىڭنى يىقىتىدۇ. 12مال-مۈلكۈڭنى، بايلىقلىرىڭنى بۇلاپ، سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، چىرايلىق ئۆيلەرنى تۈزلىۋېتىدۇ. خارابىلىكتىكى تاش ۋە ياغاچلىرىڭنى دېڭىزغا تۆكىدۇ.

13مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. 14مەن سېنى قورام تاشقا ئايلاندۇرىمەن، بېلىقچىلار سەندە تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدۇ. سەن قايتا ئەسلىڭگە كېلەلمەيسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

15مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، سېنىڭ ھالاك بولغانلىقىنىڭ خەۋەرلىرى، سەندىكى قىرغىننىڭ چۇقانلىرى ۋە يارىدارلارنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرى دېڭىز ياقىلىرىدىكى باشقا خەلقلەرنى قورقۇنچقا سالمامدۇ؟! 16دېڭىز بويىدىكى باشقا پادىشاھلار تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى، كەشتىلىك لىباسلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتتىن قورقۇشۇپ، يەردە ئولتۇرۇشۇپ، غال-غال تىترىشىدۇ. 17ئۇلار سېنىڭ ھالىڭغا ئېچىنىپ، مۇنداق مەرسىيە ئوقۇشىدۇ:

‹ئەي داڭلىق دېڭىزچىلار شەھىرى،

قورقۇشاتتى قوشنا ئەللەر بىلىپ دېڭىزدىكى قۇدرىتىڭنى،

نەقەدەر ۋەيران بولۇپ كەتتىڭ ئەمدى!

18سەن يوقالغان كۈنى

تىترىگەنىدى دېڭىز بويىدىكى ئەللەر.

ۋەيران بولغانلىقىڭنى كۆرگەندە،

ساراسىمىگە چۈشتى ئاراللار.›»

19مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر، مەن سېنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن ۋە چوڭقۇر دېڭىز سۈيىگە غەرق قىلىمەن. 20ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن. 21سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىسەن، قايتا مەۋجۇت بولمايسەن. سېنى ئىزدىگەنلەر سېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى